د ئۇ ق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە تەربىيىلەش كۇرسى ئاچىدۇ

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.10.05

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇشۇ ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە تەربىيىلەش كۇرسى» ئاچىدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۈگۈن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتتىن قارىغاندا، بۇ كۇرس مەركىزى گېرمانىيەدىكى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى - UNPO ھەم شۇنداقلا شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر مائارىپ بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن ئېچىلىدىغان بولۇپ، كۇرسنىڭ ئورنى شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدا بېكىتىلگەن.

كۇرسقا 50 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر قاتنىشىدىغان بولۇپ، كۇرستا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بويىچە پائالىيەت ئېلىپ بېرىش، ئۇنى يەرلىك ۋە خەلقئارا سەھنىدە تونۇتۇش ئىقتىدارى ئاشۇرۇلۇش بىلەن بىرگە، كۇرسانتلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇتۇش بويىچە دەرس بېرىلىدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ كۇرسنى بىر قانچە يىلدىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ياشلارنى ئۇيغۇر داۋاسىغا قىزىقتۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا ئۇچرىشىپ، تەجرىبە ئالماشتۇرۇشىغا ياخشى پۇرسەت بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.