فرېددىي لىن رابىيە قادىر خانىمنى تەيۋەنگە تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.01.23

تەيۋەن قانۇن چىقىرىش كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى فرېددىي لىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى تەيۋەنگە تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتچىلىرى چىقىرىۋاتقان بوۋېن تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، فرېددىي لىن يېڭى نۆۋەتلىك ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىشىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بارىدىغان چەتئەل زىيارىتى داۋامىدا رابىيە قادىر خانىم بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ سۆزىدە ئىلگىرى رابىيە خانىمنى تەيۋەننى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىش ئىشىنى ما يىڭجيۇ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپ قېتىم رەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما نۆۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ رابىيە خانىمنى يەنە بىر قېتىم تەيۋەنگە تەكلىپ قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

تەيۋەن ئىتتىپاقى بىرلىكىنىڭ بوۋېن تورىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار 24-يانۋار كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن بىرلىكتە «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان مۇستەقىل كۈچلەر ئىتتىپاقىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى» ئۇيۇشتۇرىدىكەن. بۇ يىغىندا رابىيە قادىر خانىمنى تەيۋەنگە تەكلىپ قىلىش مەسىلىسى ئېلان قىلىنىدىكەن. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەھمۇتمۇ يىغىنقا قاتنىشىپ، مۇخبىرلارنىڭ بىر قىسىم سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، فرېددىي لىن رابىيە خانىمنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىش ئىشىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، رابىيە خانىمنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىش ئىشى ئىلگىرى ما يىڭجيۇ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۈچ قېتىم رەت قىلىنغان ئىكەن. كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي بىلەن تەيۋەن مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان يىرىكلىشىشى، دونالد ترامپنىڭ «بىر جۇڭگو سىياسىتى» گە سوئال تاشلىشى شۇنداقلا سەي يىڭۋېن ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە قويۇشى سەۋەبلىك رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىشىغا «يېشىل چىراغ» يېقىلىشى مۇمكىن، دېگەنلەرنى تەخمىن قىلماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.