تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە ئاتاقلىق دىنىي زات ئابلىمىت داموللامنىڭ غىيابى نامىزى چۈشۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.06.23

جۈمە كۈنى، تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، يېقىندا قەشقەردىكى بىر دوختۇرخانىدا نەزەربەند ئاستىدا ۋاپات بولغان ئاتاقلىق دىنىي زات ۋە مائارىپچى ئابلىمىت داموللامنىڭ غىيابى جىنازە نامىزى چۈشۈرۈلدى. ئابلىمىت داموللام بۇ يىل 3‏-ئايدا خىتاي ئامانلىق ئورگانلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. يەرلىك دائىرىلەر، ئۇنىڭ بۇرۇن قىلغان دىنىي تەبلىغلىرىدە «ئەسەبىيلىك» بارلىقىنى ئىقرار قىلىپ، توۋىنامە يېزىشنى رەت قىلغانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ «ئەسەبىيلىك» كە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە ماسلاشمىغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئابلىمىت داموللامنىڭ غىيابى جىنازە نامىزى جۈمە كۈنى ئەنقەرە شەھىرىنىڭ ھاجى بايرام ۋەلى جامىسىدە چۈشۈرۈلگەن. غىيابى جىنازە نامىزى چۈشۈرۈش مۇراسىمىنى «ئەنقەرە ئېتىقاد ئەركىنلىكى مۇنبىرى» ناملىق تەشكىلات ئۇيۇشتۇرغان. مەزكۇر ئاممىۋى تەشكىلات غىيابى جىنازە نامىزىدىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئابلىمىت داموللامنىڭ «خىتاي تۈرمىسىدە تەن جازالىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي شېھىت بولغانلىقى» نى ئېلان قىلدى ۋە خىتاينى تەن جازاسىنى توختىتىشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.

ئابلىمىت داموللا 1937‏-يىلى قەشقەرنىڭ تاشمىلىق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇ ئىلگىرى قەشقەر خانلىق مەدرىسىسىدە مۇدەررىسلىك قىلغان. 1960- ۋە 70‏-يىللاردا ئۇزۇن يىل خىتاينىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرىغا قامالغان. 1980‏-يىللاردىن باشلاپ، مۇددەرسلىك، خاتىپلىق ۋە تىل مەكتىپى ئېچىپ، مائارىپ ئاقارتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ئىدى. رادىيومىز يېقىندا دائىرىلەرنىڭ ئۇنى تۈرمىدىن قەشقەردىكى بىر دوختۇرخانىغا يۆتكەپ، بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئاۋۋال شۇ دوختۇرخانىدا نەزەربەند ئاستىدا ۋاپات بولغانلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.