خىتاي شېنياڭدا ئۈچ ئۇيغۇر ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋىرىنى يىغىۋالغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015.07.15

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شېنياڭدا ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاينىڭ نوپۇزلۇق ئاخباراتلىرى بۇ ھەقتىكى ئەسلى خەۋەرلىرىنى تور بەتلىرىدىن ئېلىۋېتىشكە، بېسىلغان گېزىتلەرنى يىغىۋېلىشقا باشلىغان.

«ۋال-سترېت ژۇرنىلى گېزىتى» نىڭ 14-ئىيۇلدىكى مۇلاھىزىسىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىگىدارچىلىقىدىكى بىر چوڭ گېزىت ۋە باشقا ئۈچ چوڭ سودا گېزىتى دۈشەنبە كۈنى كەچتە ساقچىلار شېنياڭدا «ئۈچ نەپەر شىنجاڭلىق تېررورچىنى ئېتىپ تاشلىدى، بىر نەپىرىنى يارىلاندۇردى» دەپ خەۋەر باسقان.

ھالبۇكى، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر سەيشەنبە كۈنى چۈشكىچە نوپۇزلۇق خىتاي تور بەتلىرى، مىكرو بلوگلاردىن ئېلىۋېتىلگەن، بۇ خەۋەر بېسىلغان گېزىت نۇسخىلىرىمۇ كۆزدىن يىتكەن.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر پەقەت ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى مەتبۇئاتلاردىلا قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، خەۋەردىكى «شىنجاڭ» ئاتالغۇسى چىقىرىپ تاشلانغان.

خىتاي ئاخباراتلىرى دۈشەنبە كۈنى لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنياڭ شەھىرىدە ئاتالمىش «ئۇچ نەپەر شىنجاڭلىق تېررورچى ئېتىپ تاشلانغانلىقى، بىر نەپىرى يارىلاندۇرۇلۇپ، قولغا چۈشۈرۈلگەن» لىكىنى خەۋەر قىلغان. ئەمما ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىمىغان ئىدى.

دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۆلتۈرۈلگەن خەۋەرنى نېمە ئۈچۈن تۇشمۇتۇشتىن چىقىرىپ تاشلىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.