فېڭچېڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلىسىگە تۆلەم بېرىلىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016.11.27


24-نويابىر كۈنى خىتاينىڭ جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ يىچۈن شەھىرىدىكى فېڭچېڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ سوۋۇتۇش مۇنارىسىنىڭ ئىش ئورنىدا ئۆرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 74 ئادەم ئۆلۈش، 2 ئادەم يارىلىنىش كېلىپ چىققان ئىدى. بۇ ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن 27-نويابىر كۈنى فېڭچېڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسى سوۋۇتۇش مۇنارىسى قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان خېبېي ئۆلكىسىنىڭ بىر شىركىتى قازاغا ئۇچرىغۇچىلارغا تۆلەم تۆلەيدىغانلىقى ۋە ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇزۇتۇش چىقىملىرىنى تۆلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقەدە قازاغا ئۇچرىغان ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن بىر مىليون 200 مىڭ سوم تۆلەم تۆلەش ھەققىدىكى كېلىشىمگە ئىمزا قويۇلغان.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۆلەم تۆلىگۈچى ئورۇن تۆلەم ھەققىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما، ۋەقەدە قازا قىلغۇچىلار ئائىلە-تاۋىئاباتلىرىنىڭ مەزكۇر تۆلەم سوممىسىغا رازى بولغان ياكى بولمىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار شۇنىڭدەك ۋەقە كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان ئامىل ۋە جاۋابكارلىق مەسىلىلىرىگە ئائىت ئىنكاسلار تېخى مەتبۇئاتقا چىقمىدى.

ئەمما، خىتاي مەتبۇئاتلىرى فېڭچېڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋەقەسىنى خىتايدا يېقىنقى يىللار ئىچىدە ئادەم ئەڭ كۆپ ئۆلگەن ۋە تەسىرى ئەڭ ناچار ۋە ئېچىنىشلىق ئىبرەتكە ئىگە ئېغىر ۋەقە دەپ تەرىپلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.