ئالتايدا گېنى ئۆزگەرتىلگەن قوناق بايقالغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016-09-02
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

ئالتاي ۋىلايىتىدە بىر خىتاي يېزا ئىگىلىك فېرمىسى 133 گېكتار تېرىلغۇ يەرگە قانۇنسىز گېنى ئۆزگەرتىلگەن قوناق سورتىنى تېرىپ بايقىلىپ قالغان.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ پەيشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، دىڭشىڭ فېڭخې ناملىق بىر خىتاي يېزا ئىگىلىك فېرمىسى بۇ يىل 5‏-ئاينىڭ باشلىرىدا ئالتاينىڭ بۆرىتوقاي ناھىيىسىدە 133 گېكتار يەرگە بۇ خىل قوناقنى تېرىغان.

ئەمما خىتاي فېرمىسىنىڭ ھەرىكىتى بايقىلىپ قېلىپ، قوناقلىق دەرھال ئاغدۇرۇۋېتىلگەن، فېرمىغا 10 مىڭ سوم جەرىمانە قويۇلغان.

«يەرشارى ۋاقتى گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۆرىتوقاي ناھىيەلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسى بۇ يىل 31‏- ماي قارار چىقىرىپ، بۇ فېرمىنىڭ ھېچقانداق رۇخسەت ئالمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ گېنى ئۆزگەرتىلگەن قوناق تېرىغانلىقى مەلۇم بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھازىرغا قەدەر شەخس ياكى خۇسۇسى فېرمىلارنىڭ گېنى ئۆزگەرتىلگەن زىرائەتلەرنى تېرىشىغا بولىدۇ دەيدىغان ھېچقانداق بەلگىلىمىسى يوق ئىكەن.

مۇتەخەسسىسلەر، گېنى ئۆزگەرتىلگەن قوناق سورتلىرىنى تېرىشقا يول قويۇلسا، بۇنىڭ يەرلىك قوناق سورتلىرىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن. خىتاينىڭ جىلىن ئۆلكىسى بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا گېنى ئۆزگەرتىلگەن قوناق سورتلىرىنى تېرىشنى چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت