گۈلشەن راخماننىڭ مۇسۇلمانلىقتىن تېنىشى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.04.19

مۇشۇ دۈشەنبىدىن باشلاپ خىتايدىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تاراتقۇلار ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى توقسۇ ناھىيىسىدە ئولتۇرۇشلۇق گۈلشەن راخمان ئىسىملىك بىر ئايالنىڭ «ئاتا-ئانام كومپارتىيە ئەزاسى. شۇڭا بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر مۇسۇلمان ئەمەس!» دېگەن مەزمۇندىكى بايانلىرى كەڭ يەر ئالغان.

ئۈندىدار ۋە فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېيتىلىشىچە، گۈلشەن راخمان 2014-يىلىدىن باشلاپلا توقسۇ ناھىيىسىدە تەشكىللەنگەن تەشۋىقات گۇرۇپپىسىنىڭ بىردىن بىر ئايال ئەزاسى بولۇپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى ھەرقايسى يېزا-كەنتلەردە كومپارتىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقاتلىرىدا ئاكتىپ رول ئوينىغان ئىكەن.

ئۇ بۇ قېتىم ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئەۋج ئېلىۋاتقان «ئوچۇق خەت ئېلان قىلىش» شامىلىدا ئۆز نامىدىن ئوچۇق خەت يازغان ھەمدە «مەن ئوقۇغۇچى ۋاقتىمدىلا كوممۇنىستىك پارتىيەگە ئەزا بولغان. بىزنىڭ ئائىلىمىزدە ھەممەيلەن كومپارتىيە ئەزاسى. شۇڭا ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ھېچقايسىمىز مۇسۇلمان ئەمەس!» دەپ خىتاب قىلغان.

خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا «پۇقرالارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى، شۇنداقلا دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق ئەركىنلىكىمۇ بار» دەپ بېكىتىلگەن بولسىمۇ، ھەرقانداق شەخسنىڭ باشقىلارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىققا چاقىرىق قىلىشىغا بولمايدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 1-ئاپرېلدىن باشلاپ «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش نىزامى» نى ئېلان قىلغان بولۇپ، «ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش» بۇنىڭدىكى مەركىزىي نۇقتا بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. گۈلشەن راخماننىڭ بۇ باياناتلىرىنىڭ ئاشۇ سىياسىي پائالىيەتنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.