گو ۋېنگۈي «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى بىلىنگەندىن كۆپ ئېغىر» دېدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.10.05

خىتايدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئائىت ئىچكى ئىشلارنى ئاشكارىلاش بىلەن تونۇلغان، سۈرگۈندىكى خىتاي مىلياردېر گو ۋېنگۈي ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ ئاخباراتقا ئاشكارىلانغاندىن كۆپ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ بۇ سۆزلەرنى 5-ئۆكتەبىر ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى «دۆلەتلىك ئاخباراتچىلار كۇلۇبى» دا ئۇيۇشتۇرغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويدى.

نۇرغۇن ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە تەشكىلات-جەمئىيەتلەر ۋەكىللىرى قاتناشقان بۇ ئاخبارات يىغىنى «يۇۋتۇپ» تورى ئارقىلىق نەق مەيداندىن تارقىتىلدى. ئۇ، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى «مېنىڭ بۇ يەردە بۈگۈن ھايات ئولتۇرۇپ سىلەر بىلەن كۆرۈشۈشۈم ئاسانغا توختىمىدى» دېگەن سۆز بىلەن باشلىدى.

بۇ قېتىمقى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى باشلىقى ئۆمەر قانات ئەپەندىممۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ، گو ۋېنگۈيدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سوئال سورىدى.

گو ۋېنگۈي بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ «مەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە نۇرغۇن ئىشلارنى بىلىمەن. چۈنكى خىتايدا دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى بولغان ھەم شۇنداقلا شىنجاڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان ما جىيەن مېنىڭ يېقىن دوستۇم ئىدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان تونۇش. ئۇ ماڭا شىنجاڭ توغرۇلۇق نۇرغۇن ئىشلارنى ئېيتىپ بەرگەن. قىسقىسى، ئۇ يەردىكى ئەمەلىيەت چەتئەل ئاخباراتلىرىدا ئاشكارىلىنىۋاتقاندىن ۋە پەرەز قىلىنغاندىن كۆپ كۆپ ئېغىر» دېدى.

ئۇ يەنە سۆزىنى داۋام قىلىپ «مەن ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە شىنجاڭ ۋە شىزاڭغا مۇناسىۋەتلىك بىلىدىغان ئەھۋاللىرىمنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ۋە شىزاڭ ھەققىدە ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلارنىڭ يالغانلىقىنى ئاشكارىلايمەن. بۇنى ئاشكارىلاش بەك مۇھىم، چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇ رايونلاردا قىلىۋاتقىنى ئىنسانلىققا خىلاپ» دېدى.

گو ۋېنگۈي يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ما جىيەن 2006-يىلىدىن بۇيان خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن بولۇپ، ئۇ ئاساسلىق خىتاينىڭ جاسۇسلۇققا قارشى ساھەسىگە مەسئۇل بولغان ئىكەن.

ما جىيەن ئۆتكەن يىلى پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن، 12-ئايدا خىتاي كومپارتىيەسىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، تەپتىش ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇلغان.

كۆزەتكۈچىلەر، ئۇنىڭ دېلوسىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان جۇ يۈڭكاڭغا باغلاپ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىشقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.