ئامېرىكا، گۇ ۋېنگۇينىڭ ۋاشىنگتوندىكى پائالىيىتىنىڭ خىتاينىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى دەلىللىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.10.06

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى سۈرگۈندىكى خىتاي مىليادېر گۇ ۋېنگۇ 4‏-ئۆكتەبىر نۇتۇق سۆزلىمەكچى بولغان ئامېرىكا خۇدسون ئىنستىتۇتىنىڭ تور ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە تور ھۇجۇمنى خىتاينىڭ قىلغانلىقىنى دەلىللىگەن.

ئامېرىكا «ۋول-سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ جۈمە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇدسون ئىنستىتۇتى ئۇچرىغان بۇ قېتىملىق تور ھۇجۇمىنىڭ خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدىن كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەدلىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى جېف سېشېئون شۇ كۈنى بۇ مەسىلىنى دەرھال ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئامېرىكا-خىتاي قانۇن ئورگانلىرى ۋە تور بىخەتەرلىك دىئالوگىدا ئوتتۇرىغا قويغان.

گو ۋېنگۇي ئەسلى 4‏-ئۆكتەبىر كۈنى خۇدسون ئىنستىتۇتىدا دوكلات سۆزلەپ، خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكىتى ۋە كومپارتىيە سىياسىي بيوروسىدىكى بەزى ئەمەلدارلارنىڭ خىيانەتچىلىك سەتچىلىكىگە دائىر بەزى مەخپىيەتلىكلەرنى ئاشكارىلايدىغان بولغان. بىراق خۇدسون ئىنستىتۇتى بىر قانچە سائەت ئاۋۋال دوكلات بېرىش يىغىنىنى بىكار قىلغان ئىدى.

«ۋول-سترېىت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، خۇدسون ئىنستىتۇتى خىتاينىڭ قاتتىق بېسىمى ۋە تور ھۇجۇمىنىڭ نەتىجىسىدە گۇ ۋېنگۇينىڭ نۇتۇق سۆزلىشىشنى بىكار قىلغان. شۇنىڭ بىلەن گۇ ۋېنگۇي 5‏-ئۆكتەبىر ئامېرىكا مەملىكەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزگەن. ئۇ، ئاخبارات يىغىنىدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ئاخبارات ئۇستىلىرىدا ئاشكارىلانغاندىن كۆپ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مىنىستىرى ما جيەننىڭ ئۆزىگە شىنجاڭ ھەققىدە نۇرغۇن ئىشلارنى ئېيتىپ بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «ئۇ يەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى چەتئەل ئاخباراتلىرىدا ئاشكارىلىنىۋاتقاندىن ۋە پەرەز قىلىنغاندىن كۆپ ئېغىر» دېگەن ئىدى. ما جيەن بۇرۇن خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ تېررورلۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى بولۇپ، 2016‏-يىلى دېكابىردا قولغا ئېلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.