بۇ يىل ئۇيغۇر رايونىدىن 3 مىڭدەك مۇسۇلمان ھەج قىلىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-08-15
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

بۇ يىل خىتايدىن 12 مىڭ 800 دىن ئارتۇق مۇسۇلمان سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ ھەج قىلىدۇ.

خىتاي «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر رايونىدىن بارىدىغان ھەجىچىلەر خىتاي ھەج ئۆمىكىدىكى 13 مىڭغا يېقىن ھەجىچىنىڭ ئاران 25% نى ئىگىلەيدىكەن. بۇ، مەزكۇر رايوندا ياشايدىغان ئۇيغۇر، قازاق، تۇڭگان قاتارلىق بارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ يىللىق ھەج خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا «دىنىي رادىكاللىق» قا زەربە بېرىش ھەرىكىتى قوزغاپ، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، زاكات بېرىش، ھالال يېمەكلىك ۋە تارقاق ھەج قىلىشنى مەنئى قىلىش قاتارلىق دىنىي ئىبادەتكە قاتتىق چەكلىمىلەرنى قويۇۋاتقان مەزگىلدە يېتىپ كەلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار ئۇيغۇرلارنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەجنى پۈتۈنلەي چەكلىمىگەن بولسىمۇ، بىراق دائىرىلەر ھەج ئۆمىكىنىڭ سانى، ھەجىچىلەرنى بېكىتىش، ئۇلارنىڭ مەككە‏، مەدىنىدىكى پائالىيىتى، ھەج ئىبادىتى ۋە ھەجىچىلەرنىڭ باشقىلار بىلەن ئۇچرىشىشى قاتارلىقلارنى قاتتىق كونترول ئاستىغا ئالغان.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئولتۇرۇشلۇق ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بىر ئۇيغۇر مۇھاجىر دۈشەنبە كۈنى رادىيومىزغا بۇ يىل ئۇيغۇر رايونىدىن ھېچقانداق تارقاق ھەجىچى كېلىپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2013‏-يىلى ئېلان قىلغان ستاتىستىكىسىدا، خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمى سانىنى 20 مىليوندىن سەل ئارتۇق، دەپ ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ يېرىمىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان.

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي دۆلەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسى بۇ يىل ھەجىچىلەرنىڭ سانىنى خىتاينىڭ 30 ئۆلكە ۋە رايونىدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئىسلام جەمئىيەتلىرىگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن. بىراق، ئۇنىڭ خىتايدىكى مۇسۇلمان ئومۇمى نوپۇسىنىڭ ئاز دېگەندە 50% ئىنى تەشكىل قىلغان ئۇيغۇر رايونىغا ئاران 25% سان بېرىشىدە قانداق شەرتلەرنى ئۆلچەم قىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

«ھىندىستان ۋاقتى گېزىتى» نىڭ بىر ماقالىسىدە كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2006‏-يىلى نەچچە مىڭ ئۇيغۇر ھەجىچىنىڭ پاكىستاندىكى سەئۇدى ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋەقەسىدىن كېيىن، سەئۇدى دائىرىلىرىدىن تارقاق ھەج قىلىدىغان ئۇيغۇرلارغا ۋىزا بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلغان.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت