ھىندىستان ۋاقتى گېزىتى: ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ھەجگە ھۆكۈمەتتىن مۇستەقىل بېرىشنى خالايدۇ

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017-08-16
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

ھىندىستان ۋاقتى گېزىتى بۈگۈن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەجگە ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن بارالمايۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە بۇ يىل خىتايدىن 13800 مۇسۇلماننىڭ ھەجگە بارىدىغانلىقى، بۇلارنىڭ ئاز بىر قىسمىنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى تەشكىل قىلىدىغانلىقى يېزىلغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ ساياھەت چەكلىمىسىگە ئۇچراۋاتقانلىقى پاكىتلىرى بىلەن تىلغا ئېلىنغان خەۋەردە، ئۇيغۇرلاردىن ھەجگە بارغۇچىلارنىڭ پاسپورت ئېلىش ئۈچۈن قاتتىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتىدىغانلىقى، پاسپورتنى ئالغاندىن كېيىن يەنە ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە سەپەر قىلىشقا مەجبۇرلىنىدىغانلىقى يېزىلغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئاخبارات ئورگىنىنىڭ مۇخبىرى يېقىندا ئۈرۈمچىگە زىيارەتكە بارغىنىدا، بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىگەن. ھەقىقىي ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر، يېقىندا قەشقەر ۋە خوتەندە قانلىق ۋەقەلەر چىققاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا پاسپورت بېرىشنى توختاتقانلىقىنى، ئەمما خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ پاسپورت ئېلىشىنىڭ ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان.

ھىندىستان ۋاقتى گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى مەزكۇر خەۋىرىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھەج چەكلىمىسىنىڭ 2007-يىللاردىن باشلاپ كۈچەيگەنلىكى، خىتاي تەرەپنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇچرىشىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت