بۇ يىل ئۇيغۇر رايونىدىن ھەجگە كەلگەنلەرنىڭ ھاجى بەدەل ئىبادىتىگە يول قويۇلمىغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017-09-06
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

ئۇيغۇر رايونىدىن ھەجگە كەلگەنلەر ھەر يىلى، ھەجگە كېلىش پۇرسىتى بولمىغانلار ئۈچۈن قىلىنىدىغان ھاجى بەدەل ئىبادىتىنى قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭغا بۇ يىل قەتئىي يول قويۇلمىغان.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىر ئەخمەت مۆمىن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ يىل ھەجگە كەلگەنلەرنىڭ، زەم-زەم سۈيى سېتىۋېلىش قاتارلىق بارلىق سودىلىق ئىشلىرىنى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل قىلىشىغا يول قويمىغان؛ سودىلار ئۆمەك تەرىپىدىن قىلىپ بېرىلگەن ۋە ھاجىلارنىڭ يېنىدا 500 رىياد تىن ئارتۇق پۇل ساقلىشىغا رۇخسەت قىلمىغان.

ئادەتتە ئۇيغۇر رايونىدا ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا-ئانىسى ياكى بەزى شارائىت چەكلىمىلىرى سەۋەبىدىن ئۆزلىرى ئۈچۈن ھاجى بەدەل قىلدۇرۇشنى ئۇيغۇن كۆرگەنلەر، ھەجگە ماڭغانلارغا بەلگىلىك مىقداردا پۇل بېرىپ بۇ ئىبادەتنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل ھاجىلارنىڭ يېنىدا ئايرىم پۇل ساقلىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغاچقا، بۇ ئىبادەتكە ئىمكان بولمىغان. نۆۋەتتە مەككىدە دۇكان ئېچىۋاتقان، ئەمما ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئۇيغۇر مۇھاجىرنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، ئۇ دۇكىنىغا تاسادىپىي كىرىپ قالغان بىر ئۇيغۇر ھاجى بىلەن مۇڭدىشىپ قالغان؛ ئۇيغۇر ھاجى دائىرىلەرنىڭ ھاجىلار ھاجى بەدەل ئۈچۈن ئېلىپ چىققان پۇلنى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر مۇستەقىللىق كۈچلىرىگە بېرىۋېتىپ قالىدۇ دېگەن ئەندىشە بىلەن چەكلىگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

روزا ھېيتتا قەشقەر ياپچانغا قاراتقان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا ئۇيغۇر رايونىدا زاكاتنىڭ چەكلەنگەنلىكى، ئاھالىلەرنىڭ ھەرقانداق پائالىيەت ئۈچۈن ئۆز ئالدىغان پۇل توپلاشقا بولمايدىغانلىقى دەلىللەنگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت