خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا خەلقئارا ھەربىي مۇسابىقە ئۆتكۈزۈشى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.07.25

خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى جىددىي ئىجرا قىلىۋاتقان «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەربىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشكە باشلىغانلىقى مەلۇم.

خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەن خىتاينىڭ بىرنەچچە دۆلەت بىلەن بىرلىشىپ، ئۇيغۇرلار دىيارىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى بولغانلىقى شۇلارنىڭ بىرى، دەپ قارالماقتا.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھازىر دېڭىز ئارمىيىسىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك دېگەن نامدا «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» دىكى ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرگە «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» مەشىقىنى داۋاملاشتۇرىدىكەن. بۇنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە 29-ئىيۇلدىن 12-ئاۋغۇستقىچە خىتاي بىلەن رۇسىيە بىرلىكتە «2017-يىللىق خەلقئارا ھەربىي مۇسابىقە» گە ساھىبخانىلىق قىلىدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلانغان رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ تانكا ۋە برونېۋىك قاتارلىق ھەربىي ئەشيالىرى ئۆتكەن ھەپتىلا كورلىغا يۆتكەپ كېلىنىشكە باشلىغان.

رۇسىيەنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى بولغان ت ئا س س نىڭ مەلۇماتلىرىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى خەلقئارا ھەربىي مۇسابىقىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە رۇسىيە، بېلارۇسىيە، ئىران ۋە مىسىر كوماندىلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىغا كېلىپ «بىخەتەر مۇھىت» تېمىسى بويىچە مۇسابىقىلىشىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە، دىن ساھەسىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قولغا ئالغان مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچ كۈتۈلمىگەندە بۇ قېتىم ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان خەلقئارا ھەربىي مۇسابىقىگە ئىشتىراك قىلىشى كۆپلىگەن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلار، بۇ قېتىمقى خەلقئارا ھەربىي مۇسابىقىنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدا ئۆتكۈزۈلۈشى ھەققىدە توختىلىپ «بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قورقۇتۇش، شۇنداقلا قوشنىسى ھىندىستان بىلەن بولغان چېگرا سۈركىلىشى تۈپەيلىدىن ھىندىستانغا ھەيۋە كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن» دېيىشمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.