ھىندىستان ئارمىيىسى دوكلام چېگرا رايونلىرىدىكى قوشۇنلىرىنىڭ ھەربىي ھەرىكەت ھازىرلىقىنى كۈچەيتكەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017-08-12
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھىندىستان ئارمىيىسى خىتاي بىلەن تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان دوكلام چېگرا رايونلىرىدىكى قوشۇنلىرىنىڭ ھەربىي ھەرىكەت ھازىرلىقىنى كۈچەيتكەن.

رويتېرسنىڭ مەزكۇر ھەرىكەتتىن خەۋەردار ئۈچ نەپەر ھۆكۈمەت خادىمىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان دائىرىلىرى مەزكۇر چېگرادىكى جىددىيلىكنى ئۇلغايتىشىنى خالىمايدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆز ئارمىيىسىنىڭ دىققەتتە تۇرۇش دەرىجىسىنى ئاشۇرغان.

ھىندىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى چېگرا ئىختىلاپى نەچچە ئون يىللىق تارىخقا ئىگە بولسىمۇ، بۇ قېتىمقىسى بۇ يىل ئىيۇل خىتاي قۇرۇلۇشچىلىرى ھىندىستان، خىتاي ۋە بۇتان ئارىسىدا تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان دوكلام رايونىدىكى بىر يولنى كېڭەيتىپ ياسىماقچى بولغاندا باشلانغان.

ھىندىستان خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ بۇتاندا قۇرۇلۇش قىلىشنى توسۇش ئۈچۈن بۇتانغا دەرھال قوشۇن يۆتكىگەن. خىتاي دائىرىلىرى ھىندىستاننى قوشۇنلىرىنى دەرھال چېكىندۈرۈشكە چاقىرغان بولسىمۇ، ھىندىستان مىت قىلمىغان. 

شۇندىن بېرى ھەر ئىككى تەرەپ بىر بىرىگە بوي بەرمەي تېرىكىشىش داۋام قىلغان ئىدى. 

ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،  نۆۋەتتە دوكلام چېگراسىدا ھەر ئىككى تەرەپتىن 300 دىن 350 كىچە ئەسكەر بىر بىرىگە روبىرو تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت ھەربىي رايونىغا يەنە 1500 ئەسكەر يۆتكىگەن.


رويتېرسنىڭ مەخپىيەتلىك تۈپەيلى ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ھىندىستان ئەمەلدارىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئەمەلدار ھىندىستاننىڭ شەرقىي ھەربىي رايون قوماندانلىق شتابىدىكى بارلىق ئەسكەرلىرىگە بىر ھەپتە ئىلگىرىلا ئەگەر ئۇرۇش پارتلاپ قالسا بەلگىلەنگەن ئورۇندا ھەربىي پوزىتسىيە ئىگىلەش بۇيرۇقى بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ھىندىستان ۋە خىتاي ئارىسىدىكى چېگرا ئىختىلاپى تۈپەيلى 1962-يىلى بىر قېتىم قوراللىق توقۇنۇشقان. ئەمما چېگرا ئىختىلاپى تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت