ھىندىستان بىلەن پاكىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزالىققا قوبۇل قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015.07.10

ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزالىققا قوبۇل قىلىندى. بۇ، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ كونتروللۇقىدىكى مەزكۇر ئورگاننىڭ 2001‏-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئەزا قوبۇل قىلىشى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنى جۈمە كۈنى رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە قاراشلىق باشقىرتىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئۇفا شەھىرىدە باشلانغان. پرېزىدېنت پۇتىن يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا، ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ ئەزالىققا قوبۇل قىلىنغانلىقى، بېلارۇسىيەنىڭ كۆزەتكۈچى دۆلەتلىك ئورنىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

بۇنىڭ بىلەن بېلارۇسىيە ئىران، ئافغانىستان، موڭغۇلىيەدىن كېيىن كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن 4‏-دۆلەت بولۇپ قالدى. پۇتىن يەنە، ئەزەربەيجان، كامبودژا، نېپال، ئەرمېنىيەنىڭ سۆھبەتداشلار دۆلەتلەر قاتارىدا قارشى ئېلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ، ئافغانىستاندىن كېلىۋاتقان بىخەتەرلىك تەھدىتى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، رايوندا ئىسلام دۆلىتىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى، باشلىقلارنىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە كېلىشكەنلىكىنى، زەھەرلىك چېكىملىك قاچاقچىقىلىغا قارشى بىرگە كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چېن گوپىڭ ئىلگىرى بۇ يىغىندا ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەرىكىتى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى، ش ت ئى ھ ئىسلام دۆلىتىنىڭ «تېررورلۇق» ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئانالىزچىلارنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئارقىلىق ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ رايوندا ئاكتىپ ھالەتكە كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.