ھىندىستان خىتاي بىلەن بولغان چېگرا ۋە تېررىتورىيە تارتىشمىسىدا «تەڭگە تەڭ» ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.03.20

ھىندىستان دائىرىلىرى خىتاينىڭ 2005-يىلىدىكى ھىندىستان-خىتاي چېگرا كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۆزلىرىنىڭ چېگرا ۋە تېررىتورىيە مەسىلىسىدە تەڭگە-تەڭ ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۈگۈن «ھىندىستان ۋاقتى» گېزىتىنىڭ تورىدا «ئەجدىھا 2005-يىلىدىكى خىتاي-ھىندىستان كېلىشىمىنى بۇزدى» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ يېقىندىن بۇيانقى چېگرا مەسىلىسى ۋە تېررىتورىيە ماجىراسىنى مەركەز قىلغان بىر قاتار جىددىيچىلىكلەر تىلغا ئېلىنغان.

ماقالىدا خىتاينىڭ ئاتالمىش «تىبەت ئاپتونوم رايونى» دا يۈرگۈزۈۋاتقان «ئاپتونومىيە» گە پۈتۈنلەي زىت بولغان سىياسىي ۋە مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسى تەنقىد قىلىنغان. ھىندىستان ئۆزى بىلەن مەدەنىيەت يىلتىزى بىر بولغان تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا قاراپ تۇرالمايدۇ، دېيىلگەن.

ماقالىدە يەنە خىتاينىڭ ئالدىنقى يىللاردا ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال پارادىش شتاتىغا نىسبەتەن ئىگىلىك ھوقۇقى تەلىپىدە بولغانلىقى ۋە مەزكۇر شىتاتتىن خىتايغا كەلمەكچى بولغانلارنىڭ پاسپورتىغا ۋىزا قويدۇرماي خىتاي چېگراسىدا تامغا ئۇرغۇزسىلا بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلار تىلغا ئېلىنغان.

ماقالىدە بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ: «ئەگەردە خىتاي داۋاملىق تۈردە ئارۇناچال پارادىش شىتاتىدىكىلەردىن ۋىزا ئالماسلىقنى يولغا قويىدىكەن، ئۇ ھالدا ھىندىستانمۇ تىبەت، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىغا قارىتا ۋىزا ئالماسلىقنى يولغا قويىدۇ،» دېيىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.