زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار: ئىككى يىغىن تيەنئەنمېن ۋەقەسىگە قايتىدىن باھا بېرىشى كېرەك

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.03.04

خىتايدا 1989-يىلى يۈز بەرگەن 4-ئىيۇن ئوقۇغۇچىلار ۋەقەسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان ئىككى يىغىن ۋەكىللىرىگە ئوچۇق خەت يېزىپ، 4-ئىيۇن ۋەقەسىگە قايتىدىن باھا بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

ئوچۇق خەتتە 4-ئىيۇن ۋەقەسىدىن ئىبارەت بۇ زور تارىخىي ۋەقەگە قايتىدىن باھا بېرىلمەي تۇرۇپ خىتايدا دېموكراتىك تەرەققىيات ۋە ئىناق جەمئىيەتتىن سۆز ئېچىشنىڭ مۇمكىنسىزلىكى بايان قىلىندى. 1989-يىلى خىتاي ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھۆكۈمەتتىن دېموكراتىيە تەلەپ قىلىپ كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزگەن. نامايىش قانلىق شەكىلدە باستۇرۇلغان.

ۋەقەدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى 23 يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىزچىل ھالدا تەلەپ سۇنۇپ، ۋەقەگە قايتىدىن باھا بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا. شۇ قانلىق ۋەقەدە ئىككى پۇتىدىن ئايرىلغان نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان فاڭ يۇ، بۈگۈن رادىئومىز ئارقىلىق پىكىر بايان قىلىپ خىتاي يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمىنى 4-ئىيۇن ۋەقەسىگە مۇئامىلە قىلىشتا جاسارەتلىك بولۇپ، تيەنئەنمېن ئانىلىرىنى يەنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى ئەمدى ئۈمىدسىزلەندۈرمەسلىككە چاقىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.