جون كەرىي ليۇ شاۋبو ۋە ئىلھام توختى قاتارلىقلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014.12.26

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون كەرىي روجىستىۋا بايرىمىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبو، ئايالى ليۇ شيا، ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىي ئىلھام توختى، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى ۋە باشقا سىياسىي تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

جون كەرىي باياناتىدا، خىتاي ليۇ شاۋبونى داۋاملىق قاماپ، ئۇنىڭ ئايالى ليۇ شيانى قانۇنسىز ۋاسىتىلەر بىلەن ئۆيىگە نەزەربەند قىلدى. ئامېرىكا بۇنىڭغا داۋاملىق جىددىي دىققەت قىلىدۇ، دېگەن. جون كەرىي، ليۇ شاۋبو ۋە ليۇ شانى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكىنىڭ يەنە، ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى، پۇ جىچياڭ، گاۋ يۈ، شۈ جىيوڭ قاتارلىق ئۆز پىكرىنى تىنچ ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈرمىگە تاشلانغان كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل سېنتەبىردە، بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى ئىلھام توختىنى مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىپ، غەرب ئەللىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كۆپ قېتىم بايانات ئېلان قىلىش، دىپلوماتىك قاناللار ئارقىلىق سۆزلىشىش قاتارلىق ۋاسىلارنى قوللىنىپ، خىتاينى ئىلھام ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى قويۇپ بېرىشكە ئۈندەپ كەلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.