ئىلھام توختىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۇنى 6 ئايغىچە يوقلاشقا بولمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014-12-30
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت


ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى ئاشكارا تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ، مەھبۇسلار بەھرىمان بولۇشقا تېگىشلىك ئەڭ تۆۋەن ھوقۇق - ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۈرمىگە كېلىپ يوقلاش ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قىلىنىشى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى نارازى قىلدى.

ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۇزەلنۇر خانىمنىڭ 29 - دېكابىر دۈشەنبە كۈنى رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختى 12 - دېكابىر كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى 1 - تۈرمىگە يۆتكەلگەن، ئەمما تۈرمە دائىرىلىرى گۇزەلنۇرغا يازما ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىپ، 2015 - يىل 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنىگە قەدەر ئۇنىڭ ۋە باشقا ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ تۈرمىگە كېلىپ ئىلھام توختىنى يوقلىشىغا ۋە تۈرمە سىرتىدىن كىيىم - كېچەك ئەۋەتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئۇقتۇرغان.

گۈزەلنۇر خانىم ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن تۈرمە دائىرىلىرىگە تېلېفون قىلغاندا دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن جاۋابىنى بايان قىلىپ،«مەن ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن تۈرمىگە تېلېفون قىلدىم. ئۇلار ماڭا ھازىر ئېرىمنى يوقلىشىمغا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئەمما سەۋەبىنى ئىزاھلىمىدى. 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن كېيىن ئۇلار ئۆزلىرى ماڭا ئۇقتۇرۇش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىز ھازىر ئۇنى يوقلىيالمايمىز، ئۇنىڭغا نەرسە ئەۋەتىشىمىزگىمۇ رۇخسەت قىلىنمىدى. ئۇلارنىڭ ئىلھامنىڭ بىر مەھبۇس ئېرىششىشكە تېگىشلىك ئەڭ تۆۋەن قانۇنىي ھوقۇقتىنمۇ مەھرۇم قىلىنىشى مېنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈردى» دېدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت