مىسىردىن قايتقان ئوقۇغۇچى ئىمامھۈسەن ئوبۇلقاسىمنىڭ دادىسى بىلەن بىرلىكتە «پۇقرالار مەكتىپى» دە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.08.02

مىسىردىن قايتقان ئوقۇغۇچىلاردىن ئىمامھۈسەن ئوبۇلقاسىمنىڭ يۇرتى يوپۇرغا يەكشەنبە بازاردا ئىككى ئايدىن بېرى ئاتالمىش «پۇقرالار مەكتىپى» دە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. ئىمامھۈسەن نوپۇسلۇق بولغان يەكشەنبە بازار 3-كەنت ئامانلىق مۇدىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىمامھۈسەن بۇ يىل 2‏-ئايدا خىتاينىڭ قايتىپ كېلىش چاقىرىقىغا بويسۇنۇپ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن. بۇ يىل 24 ياشقا كىرگەن ئىمامھۈسەن گەرچە چېگرادىن چىقىش ۋە كىرىش رەسمىيەتلىرى تولۇق، ئوقۇش مەزگىلىدە ئوقۇشتىن سىرت پائالىيەتلەرگە قېتىلمىغان بولسىمۇ، تۇتۇپ تۈرۈلۈشتىن خالىي بولالمىغان.

ئىمامھۈسەننىڭ دادىسى ئوبۇلقاسىم ئەمەت ئوغلىنىڭ قانۇنسىز دىنىي ئوقۇشىغا كۆز يۇمۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ ئىمام ھۈسەن قايتىپ كېلىشتىن بىر ئاي بۇرۇن تۇتقۇن قىلىنغان. نۆۋەتتە دادا بالا گۇماندارلار يوپۇرغا ناھىيىسىدە دەسلەپتە قانۇن-تۇزۇم تەربىيىلەش مەركىزى دەپ ئاتالغان كېيىنچە پۇقرالار قانۇن تۈزۈم مەكتىپى دەپ نامى ئۆزگەرتىلگەن ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كەچلىكى ئۆيىگە قايتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغان ئاتالمىش ياتاقلىق مەكتەپتە تەربىيىلەنمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.