خىتاي ج خ مىنىستىرى ئىنتېرپول ئارقىلىق ئۇيغۇر قوراللىقلىرىغا تاقابىل تۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.09.26

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى گۇ شىڭكۈن، خىتاينىڭ خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى - ئىنتېرپول بىلەن ھەمكارلىشىپ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە ئوخشاش چەتئەلدىكى قوراللىق گۇرۇھلار ئەزالىرىنىڭ قايتىپ كېلىش خەۋپىگە قارشى مۇداپىئەنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گۇ شىڭكۇن بۇ سۆزنى خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ 86‏-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان.

ئىنتېرپولنىڭ بېيجىڭدىكى يىغىنى باشلىنىشتىن بىر كۈن بۇرۇن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ ئورگاننىڭ باش كاتىپىغا خەت يېزىپ، خىتاينىڭ ئىنتېرپولنىڭ جىنايى ئىشلار گۇماندارلىرىغا چىقىرىدىغان خەلقئارا «قىزىل ئۇقتۇرۇش» نى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىگە ۋە بەزى خىتاي ئۆكتىچىلىرىگە چىقىرىپ، «قىزىل ئۇقتۇرۇشى» نى سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقى، ئىنتېرپولنىڭ بۇنىڭغا قارشى دەرھال تەدبىر ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يەنە، خىتاينىڭ مۇئاۋىن ج خ مىنىستىرى، ئىنتېرپولنىڭ ھازىرقى پرېزىدېنتى مېڭ خوڭۋېينى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ «ھوقۇقىنى ئاشكارا سۇيىئىستېمال قىلىشى، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىناۋىتىگە دەخلى يەتكۈزۈۋاتىدۇ» دېگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ئىنتېرپولنىڭ 26‏-سېنتەبىر بېيجىڭدا باشلانغان يىغىنىغا يەنە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ قاتنىشىپ ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىگەن. ئۇ، 3 كۈنلۈك يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا سۆزلىگەن سۆزىدە، ئىنتېرپولنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭدا تېخىمۇ زور رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

شى جىنپىڭ، «خىتاي ئىنتېرپولنىڭ دۇنيا بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتا ئويناۋاتقان رولىغا يۇقىرى باھا بېرىدۇ. ئىنتېرپولنى داۋاملىق قوللاپ، يەر شارى بىخەتەرلىك ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور رول ئوينايدۇ» دېگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي باشقا دۆلەتلەرنىڭ خىيانەتچىلىك ياكى ئاتالمىش تېررورلۇققا چېتىشلىق گۇماندارلارنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلسىمۇ، بىراق ئۇ گۇماندارلارنىڭ قىلمىشىغا دائىر يېتەرلىك دەلىل كۆرسەتمەيدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.