پاكىستاننىڭ توقۇمىچىلىق ساھەسى ئىقتىسادىي كارىدورنىڭ رىقابىتىگە دۇچ كېلىدىكەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017-09-09
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

پاكىستان ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى پاكىستانغا مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارالغان بولسىمۇ، ئەمما پاكىستاننىڭ توقۇمىچىلىق ساھەسى كارىدورنىڭ قاتتىق رىقابىتىگە دۇچ كېلىدىكەن.

پاكىستاندىن چىقىدىغان «بۈگۈنكى پاكىستان گېزىتى» نىڭ «پروفىت» ژۇرنىلىدا بېرىلگەن بىر مۇلاھىزىگە قارىغاندا، خىتاي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كەلگۈسى ئون يىل ئىچىدە توقۇمىچىلىق ساھەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىنى ئاشكارىلىغان.

مەزكۇر پىلاندا 2023-يىلغىچە، ئۇيغۇر ئېلىنى خىتايدىكى ئەڭ زور توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىسىغا ئايلاندۇرۇش ۋە شۇ يىلىغىچە مەزكۇر رايوننى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ توقۇمىچىلىق سانائەت بازىسىغا ئايلاندۇرۇش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مۇلاھىزىدە نەقىل قىلىشىچە، پاكىستان توقۇمىچىلىق ساھەسىدىكى بىر ھۆكۈمەت خادىمى مۇنداق دېگەن: «پاكىستان خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىنى ئىجرا قىلىشنىڭ ئۆز سانائىتىنى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىگە ئېلىپ كېلىدىغان رىقابەتلەرنى ھېچقاچان ئانالىز قىلىپ باقمىدى.»

مەزكۇر خادىم يەنە پاكىستان دائىرىلىرى پاكىستان ئېكسپورتىنىڭ 60 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان توقۇمىچىلىق ساھەسىنى قوغداش ئۈچۈن ئىككى تەرەپ ئارىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىملەردە ھېچقانداق تەدبىر ئالمىغانلىقىنىمۇ قوشۇمچە قىلغان.

«خىتاي كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى» بۇ يىل مايدا ئېلان قىلغان بىر پارچە خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى 2016-يىلى 15 مىليارد 580 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاقسۇ رايونىدا توقۇمىچىلىق سانائىتى باغچىسى قۇرۇلۇشىنى باشلىغان.

خەۋەردە مەزكۇر باغچىنىڭ خىتاينىڭ پاختا ئېكسپورتى لىنىيەسىنى مەركىزىي ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا باغلاش رولىنى ئۆتەيدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

«پروفىت» ژۇرنىلىدا بېرىلگەن مۇلاھىزىدە نەقىل قىلىشىچە، پاكىستان سودا-سانائەتچىلەر فېدېراتسىيەسىدىكى توقۇمىچىلىق ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك خادىم مىئان زەفەر ئىقبال ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرۇلۇۋاتقان مەزكۇر باغچىنىڭ پاكىستاننىڭ توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىغا تەھدىت پەيدا قىلىپلا قالماستىن، پاكىستاننىڭ ئىچكى بازىرىغىمۇ تەھدىت يارىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خىتاي دائىرىلىرى 2013-يىلى 46 مىليارد دوللار مەبلەغ بىلەن خىتاي پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى قۇرۇلۇشىنى باشلىغان. مەزكۇر قۇرۇلۇش پىلانى پاكىستاننىڭ گۋادار پورتىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر شەھىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈريول ۋە تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

دەسلەپ بۇ قۇرۇلۇشنىڭ پاكىستان ئىقتىسادىغا مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت