خىتاي جەمئىيىتىدە ئىت گۆشى بايرىمىدىن خىجىل بولۇش ئالامىتى بايقالغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016-06-21
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھايۋاناتلار ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەنقىد ۋە تەشەببۇسلىرىغا قارىماي، خىتاينىڭ گۇاڭشى ئۆلكىسىنىڭ يۈلىن شەھىرىدە يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىت گۆشى بايرىمى بۇ يىلمۇ باشلانغان، ئەمما داغدۇغىسى يىللاردىكىدىن نىسبەتەن تۆۋەن بولغان.

رويتېرسنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گەرچە 21 ‏-ئىيۇن كۈنى ئىت گۆشى بايرىمى رەسمىي باشلانغان بولسىمۇ، يۈلىندىكى كۆپىنچە ئاشخانىلاردا ئىت گۆشى كۆرۈلمىگەن. يۈلىن شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىت گۆشى بايرىمىنى ھۆكۈمەت سۈپىتىدە قوللىمايدىغانلىقىنى، ئەمما بايرام ئۆتكۈزگۈچىلەرنى چەكلىمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۆتكەن ھەپتە بۇ بايرام ھەققىدە بىر راي سىناش ئېلىپ بارغان، نەتىجىدە 64% ئاۋاز مەزكۇر بايرامنى مەڭگۈلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا قېتىلغان.

ب ب س نىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدىكى بىر ھايۋاناتلارنى قوغداش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى: «دۇنيا ئىت گۆشى بايرىمىنى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىر پارچىسى دەپ چۈشىنىپ قېلىۋاتىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس» دېگەن ۋە ئۆزىنىڭ بۇنداق چۈشىنىلىشتىن خىجىل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەمما رويتېرسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جۇ فامىلىلىك بىر تىجارەتچى ئۆزى بىلىدىغان كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئىت گۆشىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭدىن ئالدىراپ ۋاز كېچەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى ئىت گۆشى بايرىمى باشلىنىشتىن ئاۋۋال دۇنيادىكى ھايۋان ھەقلىرىنى قوغداش جەمئىيەتلىرى 11 مىليون كىشىلىك ئىمزا توپلاپ بېيجىڭ دائىرىلىرىنى مەزكۇر بايرامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا دەۋەت قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت