خىتاينىڭ يېڭى «جاسۇسلۇق قانۇنى» دىكى مۈجمەل نۇقتىلار ئەندىشە قوزغىدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017-12-06
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بۈگۈن 3 يىلدىن بۇيان يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان «جاسۇسلۇق قانۇنى» غا يېڭىدىن قېتىلغان ماددا ۋە تەبىرلىرىنى ئېلان قىلغان.

خەلقئارا خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، خىتاي 2014-يىلى ئېلان قىلغان مەزكۇر قانۇنىدا جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە دەسلەپتىلا كۆپلىگەن مۈجمەل ئېنىقلىما ۋە تەبىرلەر بار بولۇپ، بۇ قېتىم مەزكۇر جىنايى ھەرىكەتنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلگەندىن سىرت يەنە بىر قىسىم نۇقتىلار مۈجمەللىكىنى داۋاملاشتۇرغان.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدە دىققەت قىلىنىشىچە، مەزكۇر قانۇننىڭ بىرمۇنچە ماددىسىدا «ۋە باشقا جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى»، «ۋە باشقا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەر»، «ۋە باشقا قانۇنسىز ماتېرىياللار» قاتارلىق مۈجمەل ئېنىقلىمىلار مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىغان ھەم كېڭەيتىلگەن.

خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، ماددىلاردىكى بۇ مۈجمەللىك دائىرىلەرنىڭ دىتىغا ياقمىغان ھەرقانداق بىر شەخس ياكى ھەرىكەتنى جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى، پۇقرالارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنىڭ تېخىمۇ ئاسان قىلىنىشىغا يول ئېچىپ بېرىشى مۇمكىن.

مەزكۇر قانۇندا مەخپىي خەت يېزىش ئۈسكۈنىسى، مەخپىي تىڭشاش ئەسۋابى ۋە مەخپىي نومۇر دەپتىرى قاتارلىق ئىنتېرنېت دەۋرىگە ئائىت ئادەتتىكى ئۈسكۈنە-ئەسلىھەلەرنىڭ جاسۇسلۇق ماتېرىياللىرى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى خەلقئارا خەۋەرلەردە ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت