جۇ خەيلۇن، ئۇيغۇر رايونىدا ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئەدلىيە كاپالىتىگە ئىگە قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017-08-16
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

ئۇيغۇر رايونىدا بۈگۈن ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش دېگەن تېمىدا بىر يىغىن ئېچىلغان.

يىغىندا رايونلۇق پارتكومنىڭ سىياسىي قانۇنغا مەسئۇل مۇئاۋىن سېكرېتارى جۇ خەيلۇن، بىر قاتار شوئار خاراكتېرلىك چاقىرىقلارنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، ئەدلىيە ئىسلاھاتى ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئەدلىيە كاپالىتىگە ئىگە قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان.

خىتاي ئەدلىيەسىنىڭ مۇستەقىل ئەمەسلىكى، كومپارتىيە ھاكىمىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقى، يىللاردىن بېرى خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن.

ئۆتكەن ھەپتە رادىيومىز تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان غۇلجا ناھىيىسىدىكى يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى ۋە ئۇنىڭغا يىغىۋېلىنغان 1500 چە كىشىنىڭ كىملىك قىلمىشلىرىمۇ، خىتاي ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ئەمەس، سىياسىي بۇيرۇق بويىچە ئىش تۇتۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، جۇ خەيلۇننىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئەدلىيە كاپالىتىگە ئىگە قىلىش تەشەببۇسىنى ئۇيغۇر رايونىدا دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىشتا بۇنىڭدىن كېيىن ئىلگىرىلىگەن ھالدا قانۇننى ئاساس ئەمەس، سىياسەتنى ئاساس قىلىش چاقىرىقى دەپ قاراشماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۆتكەن كۈنكى بىر خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر رايونى بويىچە ئالدىنقى ئالتە ئاي ئىچىدە 20 نەچچە مىڭ كىشى تۇتۇپ تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان. خەۋەردە بۇ دېلولارنىڭ قانۇنى تەرتىپلىرى، ئەيىبلەنگۈچىلەرنىڭ ئادۋوكاتلىرى بار -يوقلۇقى ھەققىدە ھېچنېمە دېيىلمىگەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت