كانادانىڭ ۋانكوۇۋېر شەھىرىدە «ئەپەندى» ناملىق بىر ئۇيغۇر رېستورانى ئېچىلغان.

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016.07.03

كانادادا چىقىدىغان ئەڭ چوڭ ھەپتىلىك ژۇرنال «جورجىيە بوغۇزى» دا خەۋەر قىلىنىشىچە، 130 كىشىلىك بۇ رېستوران بۇ يىل 28 - ماي ۋانكوۇۋېرنىڭ كىڭسۋەي يولىغا رەسمىي ئېچىلىپ، ئىشقا كىرىشكەن.

رېستوران خوجايىنى مۇكەررەم نۇرجاننىڭ ژۇرنال مۇخبىرىغا ئېيتىشىچە، ئۇ كاناداغا كەلگەن بۇيان ئۆز كىملىكىنى تونۇشتۇرۇشتا، شەھەردە ھالال ۋە ئۇيغۇرچە تائاملارنى تېپىشتا قىينالغانلىقى ئۈچۈن ئاتا - ئانىسى نۇرجان قاسىم ۋە ئاسىمگۈل تۇردىلار بىلەن بىرلىشىپ مەزكۇر ئاشخانىنى ئېچىش قارارىغا كەلگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى 2011 - يىلى ئۈرۈمچىدىن كېلىپ كاناداغا يەرلەشكەن بولۇپ، ئۇلار مەزكۇر رېستوران ئارقىلىق شەھەردىكى ئۇيغۇرلار جەمئىيەت سۈپىتىدە يىغىلىدىغان، ئانا تىلىنى مەشىق قىلىدىغان بىر سورۇن ھازىرلاشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.

مۇكەررەم دادىسىنىڭ ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ يوقىلىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇ رېستوران ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى بىلمەيدىغان كىشىلەر بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تائاملىرىنى ئورتاقلىشىش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە مۇكەررەم ئاداققى مەقسىتىنىڭ ۋانكوۇۋېرلىقلارغا ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «مەقسىتىمىز كىشىلەرگە بىزنىڭ بىر مېھرىبان، پاكىز ۋە ئېسىل كىشىلەر ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىش ھەمدە تۇيغۇلارنىڭ تەربىيە كۆرگەن گۈزەل مەدەنىيەتكە ئىگە خەلق ئىكەنلىكنى بىلدۈرۈش» دېگەن.

نۆۋەتتە رېستوراندا، قولدا قىلىنغان لەڭمەن، كىشمىش سېلىنغان پولۇ، كاۋاپ، مانتا چۆچۈرە قاتارلىق ئاساسلىق ئۇيغۇر تاماقلىرىدىن باشقا، قېتىق، سېرىق ئاش قاتارلىق سوغۇق يېمەكلىكلەرمۇ بار ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.