كاتالونىيە پات ئارىدا مۇستەقىللىق ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-10-04
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

ئىسپانىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىق يولىدا ئىلگىرىلەۋاتقان كاتالونىيە ئاپتونوم رايونىنىڭ رەھبىرى چارلېس پۇگدېمونت كاتالونىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى مۇشۇ ھەپتە ئاخىرى ياكى كېلەر ھەپتە بېشىدا رەسمىي ئېلان قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇ، بۇ سۆزنى يەكشەنبە كۈنىدىكى ئومۇم خەلق ئاۋاز بېرىش ھەرىكىتىدىن كېيىن تۇنجى بولۇپ ب ب س ئاگېنتلىقى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە قىلغان.

ئۆتكەن يەكشەنبە، ئىسپانىيە تەۋەسىدىكى كاتالونىيەدە رايوننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئومۇمى خەلق ئاۋاز بېرىش ھەرىكىتى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. ئەمما بۇ ئاۋاز بېرىش ھەرىكىتى ئىسپانىيە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشىغا ئۇچرىغان ۋە بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك كاتالون رەھبەرلىرى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرى كېلىپ چىققان ئىدى. 

ئىسپانىيە پادىشاھى فىلىپ مەزكۇر ئاۋاز بېرىش ھەرىكىتىنى قانۇنسىز، دەپ جاكارلىغان. 

كاتالون لىدىرى چارلېس پۇگدېمونت بولسا ئىسپانىيە پادىشاھىنىڭ پوزىتسىيەسىگە جاۋاب قايتۇرۇپ «ھېچقانداق بىر مىللەت ئۆز ئىرادىسىگە مۇخالىپ ھالدا قورال كۈچى بىلەن تېڭىلغان ھاكىمىيەتنى قوبۇل قىلماسلىقى كېرەك. دۆلەت ئاساسىي قانۇنىنى ئۆزگەرمەس بىر ھەقىقەت ياكى ئىنجىلدەك كۆرسىتىپ، ئۇنى خەلقنىڭ ئىرادىسىدىنمۇ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇۋاتقانلار بار» دېگەن. 

ئۇ سۆزىدە يەنە، يەكشەنبە كۈنىدىكى ئاۋاز بېرىش ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىلىرى رەسمىي ئېلان قىلىنىپ، 48 سائەت ئىچىدە مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. 

كاتالونىيە ئىسپانىيە تەركىبىدىكى كاتالون مىللىتىنىڭ ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى. نوپۇسى 7 مىليوندىن ئاشىدىغان مەزكۇر ئاپتونوم ھۆكۈمەت 2014-يىلى بىر قېتىم ئومۇم ئاۋاز بېرىش ھەرىكىتى ئۆتكۈزگەن.

2015-يىلى كاتالونىيە پارلامېنت سايلىمىدا مۇستەقىللىق تەرەپدارىدىكىلەر يېرىمدىن كۆپرەك ئورۇننى ئىگىلىگەن.

ب ب س نىڭ ئېيتىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كاتالونىيە كرىزىسىنى ھەل قىلىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى، دېگەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت