ئەنگلىيە ئېلان قىلغان «2013-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى» خىتاينى نارازى قىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014.04.15

خىتاي باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 15-ئاپرېل سەيشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، ئەنگلىيەنىڭ «2013-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى» دا تىلغا ئېلىنغان «خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تىبەتكە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىشى كېرەك» دېگەن تەشەببۇسلارغا نارازىلىق بىلدۈردى.

خۇا چۈنيىڭ سۆزىدە «دوكلاتتىكى بۇ بايانلار جۇڭگونىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسى ھەققىدە جۆيلىگەنلىك، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى قوپاللىق بىلەن قارىلىغانلىق» دېگەن ئىبارىلەرنى قوللاندى. ئۇ باياناتىدا يەنە«ئەنگلىيە تەرەپنىڭ بۇ قىلمىشى ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىگە پايدىسىز» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان 2014-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئەسلى 16-ئاپرېلغا بېكىتىلگەن بولۇپ، خىتاي تەرەپ 14-ئاپرېل ئۆز ئالدىغا قارار ئېلىپ، 16-ئاپىرىلدىكى كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى بىكار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يېقىندا چاقىرىلغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ھەققىدىكى ب د ت يىغىنىدا ئەنگلىيەنىڭ ئوينىغان رولى خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.