ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدە ئامېرىكا ب د ت نى ئاگاھلاندۇردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.04.19

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىگە بېغىشلانغان مەخسۇس يىغىندا ھەق ۋە ھوقۇقلار مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم ئالاھىدە كۈنتەرتىپكە ئېلىپ چىقىلدى.

ئامېرىكىنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىسى نىككى خالېي خانىم مەخسۇس سۆز قىلىپ ب د ت نىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە كۆپرەك زېھىن قويۇشى لازىملىقىنى، ئۇنداق بولمىغاندا بۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ توقۇنۇشلارغا يول ئېچىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئەمما رۇسىيە، خىتاي ۋە باشقا ئەزا دۆلەتلەر بۇ مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن تولىمۇ راھەتسىز بولغان.

فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خالېي خانىم شىمالىي كورېيەدە، سۈرىيەدە ھەمدە بىرمادىكى روھىنگايا مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا سىستېمىلىق يولغا قويۇلۇپ كەلگەن ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا سىياسىتىدىكى داۋالغۇش ھەمدە رايون مىقياسىدىكى زورلۇق ھەرىكەتلىرىگە سەۋەبكار بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇشۇ ئايدىكى رەئىسى بولۇپ، يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان دۆلەتلەردىن رۇسىيە، خىتاي، قازاقىستان قاتارلىقلار خالېي خانىمنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىنى «بۇ خىلدىكى تەكلىپلەر ب د ت نىڭ ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىدا مۇزاكىرە قىلىنىشى لازىم. ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە مۇھاكىمە قىلىش مۇۋاپىق ئەمەس» دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.

رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى ليۇ جېيى بولسا ئىنسان ھەقلىرى ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلمىغان ھەمدە ئامېرىكىنىڭ «ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى توقۇنۇشلارغا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ» دېگەن بايانلىرىغا ئېتىبار بەرمىگەن. ئەكسىچە «توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ھەرقاچان نامراتلىق ۋە تەرەققىيات، بايلىقنىڭ كەمچىل بولۇشى ھەمدە مىللىي توقۇنۇش، شۇڭا ھەرقانداق دۆلەت ئالدى بىلەن تەرەققىيات مەسىلىسىنى ئويلىشىشى لازىم» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.