كۆلىن شەھىرىنىڭ «جۇڭگو بايرىمى» كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.08.25

گېرمانىيەدىكى كۆلىن شەھىرىنىڭ 25‏-ئاۋغۇست باشلانغان «جۇڭگو بايرىمى» پائالىيىتى خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى.

مەزكۇر پائالىيەت خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرى بىلەن گېرمانىيەنىڭ كۆلىن شەھىرى ئۆز-ئارا ئاچا-سىڭىل مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان. ئىلگىرى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار كۆلىن شەھىرىنىڭ «جۇڭگو بايرىمى» نى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان. بىراق، كۆلىن شەھەر باشلىقى بۇ تەلەپنى رەت قىلغان ئىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كۆلىن شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى سېباستيان بارش بۇ يىل 7‏-ئايدا كۆلىن شەھىرىنىڭ باشلىقى ھېنرېتتې رېكېر خانىمغا مەكتۇپ يېزىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىۋاتقان ئەھۋالدا، «تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنىڭ ھېچقانداق سەۋەبى يوق» لىقىنى تەكىتلىگەن.

25‏-ئاۋغۇست «جۇڭگو بايرىمى» باشلانغان كۈنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ ئاساسلىق مەركىزى-رونكالىپلاتز مەيدانىنىڭ يېنىدىكى ۋورلوف مەيدانى ۋە شۇ يەردىكى بىر چېركاۋ ئالدىدا نارازىلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.

خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئۇلرىخ دېلئىۇس بىر قانچە كۈن ئاۋۋال رادىيومىزغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، «بۇ پائالىيەت ئارقىلىق كۆلىن خەلقىگە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنى ھەق-ھوقۇقلىرىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن ئىدى.

گېرمانىيە ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۈلىن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى ئىنگې شۈرمان «غەربىي گېرمانىيە تېلېۋىزىيە قانىلى» غا قىلغان سۆزىدە، كۈلىن شەھىرىنىڭ ئىلگىرى «جۇڭگو بايرىمى» نى بىكار قىلىشنى ئويلاشقانلىقىنى، بىراق ئاخىرىدا يەنىلا ئۆتكۈزۈش قارارىغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.