كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش ئورگىنى ب د ت يىغىنىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014.09.19

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا خىتاينى تەنقىدلەپ، ئۇيغۇر ئىلى ۋەزىيىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك يامانلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى ۋە خىتاينىڭ دىنىي چەكلىمە ھەم ئاتالمىش تېررورچىلارنى باستۇرۇش ئۇسۇلىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى، ئىلھام توختىنىڭ سوتلانغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى بۇ سۆزلەرنى 17‏-سېنتەبىر ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ پەسىللىك يىغىنىدا قىلدى.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا د ئۇ ق نى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئاممىۋى تەشكىلاتلار قاتنىشىپ، پىكىر بىلدۈرگەن ئىدى. يىغىندا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى، بۇ يىل رامزاندا ئۇيغۇرلار دىنىي ئەركىنلىك، مەدەنىيەت كىملىكىنى ئىپادىلەش، جۈملىدىن ساقال قويۇش، ياغلىق ئارتىش قاتارلىق قوشۇمچە چەكلىمىلەرگە ئۇچرىدى، دېدى.

بۇ ئورگان يەنە، خىتاينىڭ 2014‏-يىلى زوراۋانلىق ھۇجۇمى ئېلىپ بارغان، دەپ ئەيىبلىگەن ئاتالمىش «تېررورچىلار» نى جازالاش ئۇسۇلىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، بەزى دېلولارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىنى قەيت قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى خىتاي ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.