كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينىڭ تەكشۈرۈش ۋە تەقىب قىلىش قانۇنىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-11-10
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

6‏-نويابىر كۈنى خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن كومىتېتى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان كادىرلارنى تەكشۈرۈش-تەقىپلەش ھەققىدىكى يېڭى قانۇن لاھىيەسىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بىراق مەزكۇر قانۇن لاھىيەسى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە قوزغىدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 10‏-نويابىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ قانۇن لاھىيەسىگە دەرھال ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشىنى تەلەپ قىلدى.

مەزكۇر قانۇن لاھىيەسىدە خىتاينىڭ يېڭى قۇرۇلغان مەملىكەتلىك خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ئورگىنى بولغان تەكشۈرۈش ۋە تەقىپلەش كومىتېتىنىڭ ھوقۇقى ۋە فونكىتسىيەسى شەرھلەنگەن بولۇپ، بۇ ئورگاننىڭ 2018‏-يىلى 3‏-ئايدىن باشلاپ ئىشقا كىرىشىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قانۇن لاھىيەسىدە تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكاتى ۋە ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىنمىغان. ئۇنىڭدا بۇ ئالاھىدە ئورگاننىڭ تۇتقۇنلارنى 6 ئايغىچە مەلۇم مەخپىي ئورۇندا تۇتۇپ تۇرۇشىغا يول قويۇلغان.

ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ «ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلدى،» دەپ قارالغان كادىرلارنى ئۇزۇن مەزگىل مەخپىي تۇتۇپ تۇرۇشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىزچىل تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن ئىدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى باياناتىدا ئەگەر بۇ قانۇن ماقۇللانسا خىتاينىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى كومپارتىيەنىڭ تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىشىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفىيە رىچاردسوننىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، «بۇ خىتاينىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش چاپارمەنلىرىگە كىشىلەرنى ئايلارچە تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۇلارنى مەجبۇرى ئىقرار قىلدۇرۇشى ۋە باشقا زىيانكەشلىكلەرنى قىلىشىغا يول ئېچىپ بېرىدۇ،» دېيىلگەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت