بېيجىڭدىكى «ئىسلام كىتابخانىسى» پېچەتلەندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.10.10

يېقىندا رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاستا بېيجىڭنىڭ خەيديەن رايونىدىكى ئىسلام مەزمۇنىدىكى كىتابلار ۋە گېزىت-ژۇرناللارنى ساتىدىغان «ئىسلام كىتابخانىسى» دەپ ئاتالغان بىر كىتابخانىنى ساقچىلارنىڭ پېچەتلىۋەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا مەزكۇر كىتابخانىنىڭ ئىگىسى ما يىڭلوڭنى ئۇيغۇرلار دىيارىدىن كەلگەن ساقچىلارنىڭ «تېررورلۇق مەسىلىسى» تۈپەيلىدىن ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كەتكەنلىكى، ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى يوقلۇقى مەلۇم بولدى.

ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا مەزكۇر كىتابخانىنىڭ خىزمەتچىلىرىدىن بىرەيلەن بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ يۇقىرىقى ئەھۋاللارنىڭ راستلىقىنى دەلىللىگەن ھەمدە كىتابخانىنىڭ ھازىر تىجارەتنى توختاتقانلىقىنى ئېيتقان. بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەردار بولغان چەتئەللەردىكى تۇڭگان زىيالىيلىرىدىن، ئامېرىكادا ياشايدىغان سۇلايمان يىگۇ ئەپەندى مەلۇمات بېرىپ، ما يىڭلوڭنىڭ ئەسلىدە ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئولتۇرۇشلۇق دوڭشياڭ مۇسۇلمانلىرىدىن ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئىلگىرى «قانۇنسىز دىنىي بۇيۇملارنى تارقاتقان» دەپ بىر يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، مەزكۇر كىتابخانىنىڭ يۈننەندىكى باسما زاۋۇتىنى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرىراق پېچەتلىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر «تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» نامىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلەۋاتقانلىقى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار دىيارىدا «قۇرئان» ۋە جاينامازلارنىڭ مەجبۇرىي يىغىۋېلىنغانلىقى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا كەڭ يەر ئالماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.