تورونتو مەكتەپ باشقۇرۇش مۇدىرىيىتى كۇڭزى ئىنستىتۇتى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2014.10.30

كانادانىڭ تورونتو رايونلۇق مەكتەپ باشقۇرۇش مۇدىرىيەت ئەزالىرى بۈگۈن بېلەت تاشلاپ، مۇتلەق يۇقىرى ئاۋاز بىلەن خىتاينىڭ كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈش قارارىنى چىقاردى. بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىغا بېرىلگەن يەنە بىر زەربە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

كانادادا چىقىدىغان «يەرشارى ۋە مەكتۇپلار» ناملىق گېزىتنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر مۇدىرىيەت ئەسلىدە كۇڭزى ئىنستىتۇتى بىلەن كانادادىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە خىتاي تىلى ۋە باشقا مەدەنىيەت دەرسلىرىنى ئۆتۈش ئۈستىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان. بىراق كېيىن بۇ كېلىشىم كانادادا بۇ يىل 6-ئايدىن باشلاپلا كۈچلۈك تالاش-تارتىش قوزغىغان. كېلىشىمگە قارشى چىققۇچىلار كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىنستىتۇتلارنىڭ نىيىتىنىڭ بالىلارغا پەقەت تىل ئۆگىتىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

29-ئۆكتەبىر كۈنى كېچىدە مۇدىرىيەت ئەزالىرى بىلەت تاشلاۋاتقاندا، بىنا سىرتىدا كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىغا قارشى چىققۇچى ۋە ئۇنى قوللىغۇچى خىتايلار ئوخشاش ۋاقىتتا نامايىش قىلغان. كۇڭزى ئىنستىتۇتىنى قوللاپ نامايىش قىلغان خىتايلار قوللىرىدا خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان.

كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنىڭ ئاكادېمىيە ئەخلاقىغا خىلاپ ھەرىكەتلەردە بولۇپ، چەتئەل ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىمۇ پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇشقا ئۇرۇنۇشى ئاكادېمىيە ساھەسىدە كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلغان. يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئامېرىكا، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلار ئارقا-ئارقىدىن ئۆزىنىڭ كۇڭزى ئىنستىتۇتى بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.