ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ «لەتتېس» شىركىتىنىڭ خىتايغا سېتىلىشىنى بىكار قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.09.14

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ بۈگۈن ئامېرىكانىڭ لەتتېس يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكا شىركىتىنىڭ خىتايغا سېتىلىشىنى چەكلىدى.

ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر شىركەت ئامېرىكىدىكى كومپيۇتېر مەركىزى ئۆزەكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان مۇھىم شىركەتلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆتكەن ئىككى يىلدا ئۇدا زىيان تارتقان. شىركەت سېتىشقا چىقىرىلغاندىن كېيىن خىتاينىڭ «كانيون كۆۋرۈكى» شىركىتى ئۇنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن 1.3 مىليارد دوللار باھا قويغان ئىكەن.

ئەمما بۇ سودا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان. ترامپ ھۆكۈمىتى بۇ سودىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلارنىڭ ئوغرىلىنىش ئاقىۋىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر شىركەت ئىشلەپچىقارغان كومپيۇتېر ئۆزەكلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىمۇ كەڭ ئىشلىتىلىدىكەن.

پرېزىدېنت ترامپ پەيشەنبە كۈنى لەتتېس شىركىتىنى خىتاي دۆلەت ئىگىدارچىلىقىغا تەۋە دەپ قارىلىۋاتقان «كانيون كۆۋرۈكى» شىركىتىگە سېتىشنى چەكلەشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، خىتاي شىركىتى بۇ قاراردىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار، «سودا ئەمەلىيلەشكەن بولسا شىركەتتىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ئورنىنى ساقلاپ قېلىشقا پايدىلىق بولغان بولاتتى،» دەپ بايانات بەرگەن. بىراق خىتاي شىركىتى ئامېرىكانىڭ ئۆزلىرى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىگە بىر جاۋاب بەرمىگەن.

لەتتېس شىركىتى پرېزىدېنت ترامپنىڭ قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئۇنى «دۆلىتىمىز ۋە شىركىتىمىزنىڭ ھەسسىدارلىرى شۇنداقلا خىزمەتچىلىرىمىزنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىق قارار بولدى،» دېگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىدىكى پوزىتسىيىسىنى چىڭايتىشقا باشلىغان. ئۆتكەن ئاي ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىپ، ناۋادا ئامېرىكا شىركەتلىرى خىتايغا سېتىلسا مۇھىم ئۇچۇرلارنىڭ خىتاينىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىش خەتىرى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن. نۇرغۇن ئامېرىكالىق سىياسەتچىلەرمۇ خىتاينىڭ ئامېرىكىغا سېلىۋاتقان مەبلەغلىرىنى ئالاھىدە دىققەت بىلەن كۆزىتىشكە چاقىرغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.