خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچىياڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى بەرپا قىلىشنى تەكىتلىگەن

2016-03-10
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

خىتاي باش مىنىستىرى لې كېچىياڭ پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدىكى ئىككى يىغىن جەريانىدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بارچە كۈچنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىك بەرپا قىلىشقا قارىتىشنى تەكىتلىگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۇ بۇ سۆزنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كەلگەن ۋەكىللەرنىڭ گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشقاندا قىلغان. ئۇ سۆزىدە، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مۇقىملىق يارىتىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىك، توقۇمىچىلىق ۋە ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن يەنىمۇ كۆپ مەبلەغ ئاجرىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن داۋاملىق ھالدا «ھالقىما تەرەققىيات ئارقىلىق مۇقىملىق يارىتىش» دېگەننى تەشۋىق قىلىپ، رايونغا زور ئىقتىسادىي مەبلەغلەرنى سالدى. بىراق خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىمسىزلىققا سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىلنىڭ ئىقتىسادتىن بەك، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنى ھوقۇقلىرىغا قىلىنىۋاتقان بېسىم، قوش تىل مائارىپى ۋە خىتاي كۆچمەنلەر مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ جەھەتتىكى سىياسەتلىرىنى تەڭشەشكە چاقىرىپ كەلگەن ئىدى.

بىراق لى كېچىياڭ سۆزىدە يۇقىرىدىكى مەسىلىلەرنىڭ بىرىنىمۇ تىلغا ئالماي، ئۇنىڭ ئورنىغا «مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ئۇيۇشۇشىنى» «ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىك ۋە مۇقىملىقنىڭ جان تومۇرى»، دەپ كۆرسەتكەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت