نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ليۇ شاۋبو تۈرمە سىرتىدا داۋالىنىشقا قويۇپ بېرىلگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.06.26

بۈگۈن دۇنيادىكى چوڭ -كىچىك تاراتقۇلارنىڭ ھەممىسى خەۋەر بېرىپ، تۈرمىدىكى خىتاي ئۆكتىچىسى، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ليۇ شياۋبونىڭ كېسەللىك سەۋەبىدىن تۈرمە سىرتىدا داۋالىنىشقا قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

«جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ليۇ شياۋبوغا «جىگەر راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى» دېگەن دىئاگنوز قويۇلغان ئىكەن.

ليۇ شياۋبونىڭ ئادۋوكاتىنىڭ چەتئەل مۇخبىرلىرىغا ئاشكارىلىشىچە، ليۇ شياۋبو ھازىر شېنياڭدىكى جۇڭگو مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شۆبە دوختۇرخانىسىدا داۋالانماقتىكەن. ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا كېلىپ قالغان راك كېسىلىنىڭ داۋالىنىش جەريانىدا زادى قانچىلىك ئۈنۈم بېرىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەسكەن.

خىتاي ئۆكتىچى ليۇ شياۋبو «2008 خىتابنامىسى» نى يازغانلىقى ئۈچۈن 2009-يىلى 12-ئايدا خىتاي سوتى تەرىپىدىن «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ 11 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

ھالبۇكى، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزى تۈزگەن «ئاپتونومىيە قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا ئۈندىگەنلىكى ئۈچۈن 2014-يىلى خىتاي سوتى ئۇنى «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلەپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.