دائىرىلەر ئۇيغۇر رايونىدا «مەدەنىيەت ئىسلاھاتى» ئېلىپ بېرىشنى ئورۇنلاشتۇردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-08-18
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 17‏-ئاۋغۇست ئۈرۈمچىدە يىغىن چاقىرىپ، ئۇيغۇر رايونىدا «مەدەنىيەت ئىسلاھاتى» ئېلىپ بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرغان. «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىندا دائىرىلەر ئاپتونوم رايوننىڭ ئاخبارات، نەشرىيات، ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىنىڭ كونكرېت ئىسلاھات لايىھىلىرىنى تۈزۈپ چىقىپ دەرھال يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان.

يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، مەدەنىيەت ئىسلاھات رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى تيەن ۋېن، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بۇ ھەقتىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تونۇشتۇرغان.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەرنىڭ مەدەنىيەت ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، ئىسلاھاتنىڭ ئاخبارات ساھەسىنى ئۆز-ئارا يۇغۇرۇشىنى، نەشرىيات ساھەلىرىنى ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈشنى، ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ «دەۋر ئېقىمىغا ۋە تارىخىي ۋەزىپىسىگە كاپالەتلىك قىلىشى» نى، ئۇنىڭ مۇشتىرىلار توپىنى كېڭەيتىپ، ئەدەبىيات-سەنئەت بىرلەشمىسىنى ئىللىق، ئىناق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر ئائىلىسىگە ئايلاندۇرۇشىنى ئالغا سۈرۈشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مەدەنىيەت ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش پىلانى ئۇنىڭ مەزكۇر رايوندا ئىدېئولوگىيە سېپىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» گە زەربە بېرىش دېگەننى باھانە قىلىپ، نەشرىيات، مائارىپ، ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر مائارىپچىلارنى، يازغۇچى-شائىرلارنى، مۇزىكانت-سەنئەتچىلەرنى تازىلاۋاتقان مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدە يەنە، مەدەنىيەت، كىنوچىلىق، نەشرىيات، ئاخبارات قاتارلىق ئوخشىمىغان ساھەلەردە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىسلاھاتنىڭ ئايرىم-ئايرىم لايىھىلىنىدىغانلىقى، «بىر ئورگانغا بىر سىياسەت» تەلىپى بويىچە كونكرېت ئىسلاھات سىياسىتى ۋە لايىھىسى تۈزۈپ چىقىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت