يوقاپ كەتكەن مالايشىيا ئايروپىلانىدىكى يولۇچىلارنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى بېيجىڭدا نامايىش قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014.12.19


جۈمە كۈنى، ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن MH370 ناملىق مالايشىيا ئايروپىلاندىكى خىتاي يولۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن 30 دەك كىشى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

نامايىشچىلار ھۆكۈمەتنىڭ يولۇچىلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا غايىب ئايروپىلاننى ئىزدەش ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ تۇرمىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

MH370 نومۇۇلۇق يولۇچىلار ئايروپىلاندىكى 239 يولۇچىنىڭ 3 دەن 2 قىسمى خىتايلار ئىدى.

يولۇچىلارنىڭ ئارىسىدا يەنە، مالايشىيانى زىيارەت قىلىپ قايتقان مەمەتجان ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر رەسسام بالا بار ئىدى.

بېيجىڭغا قاراپ كېتىۋاتقان يولۇچىلار ئايروپىلانى بۇ يىل 7 - مارت جەنۇبىي دېڭىزدا غايىب بولغان.

ھالبۇكى، ئايروپىلان ۋە يولۇچىلارنىڭ ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىز دېرىكى تېپىلمىغان. بۇ، دۇنيادا ھەر خىل پەرەز ۋە گۇمانلارنى پەيدا قىلغان ئىدى. نۆۋەتتە، مالايشىيا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر نىشانىنى ھىندى ئوكيانغا قارىتىپ، ئايروپىلان قالدۇقىنى داۋاملىق ئىزدەۋاتىدۇ.

جۈمە كۈنى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالدىدا نامايىش قىلغان بىر ئايال يولۇچىلار ئائىلە تاۋابىئاتى فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا سۆزلەپ، «مېنىڭ ئوغلۇم تېخى ھايات، مەن ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنى ئىزدەش ئۈچۈن نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەكچى» دېگەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھېچقانداق جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن نامايىشچىلار بىر مەھەل تۇرۇپ تارقىلىپ كەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.