سىياسىي كېڭەش ئەمەلدارى ئۇيغۇر ئېلىغا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش خىزمىتى» نى تەكشۈرگىلى كەلگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.07.13

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، دۆلەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەتلەر ۋە دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئۇيغۇر ئېلىغا كەلگەن.

بۇ گۇرۇپپىغا مەزكۇر كومىتېتىنىڭ باشلىقى، سىياسىي كېڭەشنىڭ دائىمىي ئەزاسى جۇ ۋېيچۈن ئۆزى بىۋاسىتە باشلامچى كەلگەن بولۇپ، خەۋەردە بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا مەخسۇس «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ھەمدە ھەر مىللەت خەلقى ئارىسىدىكى ئالاقە ۋە ئۇچرىشىشنى كۈچەيتىش خىزمىتى» توغرىسىدا مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا كەلگەنلىكى بايان قىلىنغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 12-ئىيۇل كۈنى چۈشتىن كېيىن جۇ ۋېيچۈن بۇ ھەقتە ئېچىلغان يىغىندا قىلغان سۆزىدە «ئۇيغۇر ئېلىدا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئالاقىسى ۋە ئۇچرىشىشىنى كۈچەيتىش خىزمىتى ھازىرقىدەك يېڭى بىر ۋەزىيەتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۆزىگە خاس تەقەززاسى» دەپ كۆرسەتكەن شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدا قوش تىل مائارىپىنى كۈچەيتىشنى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۆز-ئارا ئالاقىسىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولىدىغان مۇھىتنى يارىتىشقا ئالاقىدار قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلغان.

چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئېلىغا كەلگەندىن بۇيان تۈرلۈك قاتتىق قوللۇق بېسىم سىياسەتلىرى بىلەن بىرگە، «قوشماق تۇغقان بولۇش» سىياسىتىنى ئىجرا قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە جۇ ۋېيچۈننىڭ بىۋاسىتە رىياسەتچىلىكىدە بۇنداق بىر ھەيئەتنىڭ كېلىشى دىققەت قوزغايدىكەن. چۈنكى، جۇ ۋېيچۈن خىتايدىكى بارلىق مىللىي ئاپتونوم رايونلىرىنى بىكار قىلىپ، ھەممىسىنى ئۆلكە دەپ ئاتاشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلارنىڭ بىرى بولۇپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ بۇ زىيارىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى تېزلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.