مىسىر دائىرىلىرى تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلاردىن ئاز دىگەندە 12 كىشىنى قويۇپ بەرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-09-11
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

مىسىر دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىل 7‏-ئاينىڭ باشلىرى ئېلىپ بارغان ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلاردىن ئاز دېگەندە 12 كىشى قويۇپ بېرىلگەن.

«ئوتتۇرا شەرقنى كۆزىتىش» ناملىق تور گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ مىسىرلىق ئادۋوكاتى ئىززەت غۇنەم ئۆتكەن جۈمە كۈنى مىسىر ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن 12 كىشىنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. غۇنەم كەلگۈسى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ قويۇپ بېرىلىشى مۈمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. 

مىسىردىكى ئۇيغۇرلاردىن ئالغان بەزى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، دۈشەنبە كۈنىگە قەدەر قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلار ئاز دىگەندە 25 كە يەتكەن. ئادۋوكات ئىززەت غۇنەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلار ئەل-ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا تىزىمغا ئالدۇرغان ئوقۇغۇچىلار ئىكەن.

مىسىر دائىرىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. بىراق «ئوتتۇرا شەرقنى كۆزىتىش» تورىنىڭ خەۋىرىدە، ھازىر 113 دەك ئۇيغۇر داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ، دەپ قارىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. مىسىر ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر تۇتقۇنلاردىن زادى قانچە كىشىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىپ باقمىدى. 

ئادۋوكات ئىززەت غەنەم «ئوتتۇرا شەرقنى كۆزىتىش» تورىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ، «گەرچە بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتى خىتاينىڭ قاھىرەدىكى ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار يەنىلا ھېچقانداق جىنايەت بىلەن ئەيىپلەنمەي تۇرۇپ تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى» دېگەن.

ئىلگىرى مىسىردىكى بەزى ئوقۇغۇچىلار رادىيومىزغا مىسىر دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىگە خىتاي ئامانلىق خادىملىرىنىڭ قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما خىتاينىڭ مىسىردىكى ئەلچىخانىسى بۇ ۋەقە ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى ياكى ئۇنىڭغا ئىپادە بىلدۈرۈشنى رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت