مىسىردىن قايتۇرۇۋېتىلگەن 22 ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتى جەنۋەدىكى يىغىندا سۈرۈشتە قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-09-21
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

ئىگىلىنىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 19-سېنتەبىر كۈنى ئېچىلغان ئومۇمىي يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

يىغىن تەپسىلاتى ھەققىدە ب د ت تور بېتىگە قويۇلغان دوكلاتتىن قارىغاندا، مەركىزى ئىتالىيەدىكى «زوراۋانسىز رادىكال پارتىيە» ناملىق مۇستەقىل ئورگان مەزكۇر يىغىندا مەخسۇس مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ۋەقەسىنى ئوتتۇرىغا قوغان ۋە يىغىن ئەھلىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە تارتقان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى مەزكۇر يىغىندا بېرىلگەن سۆزلەش ۋاقتى ئىچىدە مىسىردىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىيىن رېئاللىقنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن. ئۇلار سۆزىدە، مىسىردىكى ئۇيغۇرلار تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، ھازىرغىچە 22 نەپىرىنىڭ خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ نامەلۇم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مىسىر ھۆكۈمىتىدىن خىتايغا قايتۇرۇلغان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ب د ت نىڭ 36-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 11-سېنتەبىر كۈنى باشلانغان بولۇپ، يىغىنىغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى 3 كىشىلىك بىر گۇرۇپپا قاتناشماقتا ئىدى. 19-ۋە 20-سېنتەبىر كۈنلىرى ب د ت كېڭىشىدە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار يىغىن ھەم پائالىيەتلەر بولۇپ ئۆتكەن ھەم بۇ يىغىنلاردا ئامېرىكا، فىرانسىيە، ئەنگلىيە، كانادا، چېخىيە، ئېستونىيە ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى ئايرىم-ئايرىم سۆز ئېلىپ، خىتاينىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت