د ئۇ ق مىسىر دائىرىلىرىنى غايىب بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئاشكارىلاشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-09-26
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، مىسىر دائىرىلىرىنى مىسىردا غايىب بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتىنى دەرھال ئاشكارىلاشقا چاقىردى.

مىسىر ھۆكۈمىتى بۇ يىل 7‏-ئاينىڭ باشلىرىدىن باشلاپ مىسىردا ئوقۇۋاتقان ۋە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىپ، قاھىرەدىكى تورا تۈرمىسىگە قامىغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، مىسىر كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك بىرلەشمىسى ئىلگىرى مىسىر دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىل 7‏-ئاي ئىچىدە ئۇيغۇر تۇتقۇنلاردىن ئاز دېگەندە 22 كىشىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

مىسىر ھۆكۈمىتى يېقىندا تورا تۈرمىسىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن مەزكۇر تۈرمىدە داۋاملىق قامىلىپ ياتقان 100 دىن ئارتۇق كىشىدىن 16 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ غايىب بولغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

د ئۇ ق نىڭ 26‏-سېنتەبىر ئېلان قىلغان باياناتىدا قەيت قىلىنىشىچە، بۇ 16 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ غايىب بولۇشى 7‏-ئايدىن بۇيان تۇتقۇن قىلىشقا ئۇچراپ كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەۋجۇت ئەھۋالىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋەتكەن.

مەزكۇر تەشكىلات باياناتىدا يەنە، تۇتقۇنلارنى خىتاي ۋە مىسىر خادىملىرىنىڭ سوراق قىلغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر «بۇ ۋەقەدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ» دېيىلگەن.

خىتاينىڭ مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ھەرىكىتى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا باشلانغان. ئۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇرتىدا قالغان ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا بېسىم ئىشلىتىپ ياكى تەھدىت سېلىپ، خېلى زور بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارنى يۇرتىغا قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغان ئىدى.

د ئۇ ق باياناتىنىڭ ئاخىرىدا، خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىدىغانلىقى، تەن جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقى ياكى ئىز -دېرەكسىز يوقاپ كېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «خەلقئارا جەمئىيەتنى مىسىرنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ئەمەل قىلىشى، تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىمىز» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت