نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرى ب د ت نى بىرمادىكى قىرغىنچىلىق توختىتىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-09-13
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

29 نەپەر نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى ۋە دۇنياۋى تەسىرى بار ئاتاقلىق شەخسلەر چارشەنبە كۈنى ب د ت نىڭ «بارلىق ۋاسىتىلەر» نى قوللىنىپ، بىرمادىكى روھېڭگا مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى.

رويتېرزنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستانلىق مالالا يۈسۈپزائى، بېنگاللىق مۇھەممەت يۈسۈپ، جەنۇبىي ئافرىقىلىق دېسمۇنت تۇتۇ، ئەنگلىيەلىك رىچارد برانسون قاتارلىق كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 29 نەپەر شەخس بۈگۈن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ «بىگۇناھ پۇقرالارغا قارىتىلغان زوراۋانلىققا قارشى كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىشى» نى تەلەپ قىلغان.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، چارشەنبە كۈنىگە قەدەر بىرما قوراللىق قىسىملىرىنىڭ باستۇرۇشىدىن قورقۇپ بېنگالغا قېچىپ بارغان روھېڭگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ سانى 400 مىڭغا يېقىنلاشقان. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى رائاد ئەل-ھۈسەيىن ئۆتكەن جۈمە كۈنى بىرما دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتى «ئېتنىك تازىلاشنىڭ تىپىك مىسالى» دەپ تەنقىدلىگەن ئىدى. نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرىنىڭ ئوچۇق خېتىدە، «پۈتۈن يېزىلار كۆيدۈرۈلۈپ بولۇندى، ئاياللار باسقۇنچىلىققا ئۇچرىدى، نۇرغۇن پۇقرالار سەۋەبسىز قولغا ئېلىندى، نۇرغۇن بالىلار ئۆلتۈرۈلدى،» دېيىلگەن.

مەزكۇر ئوچۇق خەت ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يېپىق يىغىن چاقىرىپ، بىرما ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىش ئالدىدا تۇرغان مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان. بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» بىلەن «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» ب د ت نى تەنقىد قىلغان. ئۇلار ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى بىرمادىكى كرىزىسىغا تەدبىر قوللانمىدى، دەپ ئەيىبلىگەن. «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى لۇئىس باربونې فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا قىلغان سۈزىدە، «بۇ كۆرۈنگەندەك بىر كەڭ كۆلەملىك ئېتنىك تازىلاش ھەرىكىتى. خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىشىكنى ئېچىپ، كامېرالارنىڭ ئالدىغا چىقماسلىقى ھەقىقەتەن ئادەمنى قورقۇتىدۇ،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت