ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنتېرنېت تور ساھەسىدە خىزمەت قىلىدىغان ئۇيغۇرلارغا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-04-27
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئومۇميۈزلۈك ئېلىپ بېرىۋاتقان «پارتىيەگە ساداقىتىنى ئىپادىلەش» ئوچۇق خەت ئېلان قىلىش ھەرىكىتىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنتېرنېت تورى ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغىمۇ ئايرىم خىتاب قىلىندى.

بۈگۈن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ياۋرو-ئاسىيا خەۋەرلىرى تورى» ۋە خىتاينىڭ «سىنا تورى» قاتارلىق تور بەتلەردە ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يۇلتۇز يۇمشاق دېتال شىركىتى» باشلىقى ئەمەتجان رۇسۇلنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنتېرنېت تورى ۋە يانفون يۇمتال سېپىدىكىلەرگە يازغان بىر ئوچۇق خېتى كەڭ تەشۋىق قىلىندى.

ئەمەتجان رۇسۇل خېتىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنتېرنېت-تور ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلارنى بايرىقى روشەن ھالدا ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇپ، بۆلگۈنچىلەرگە قارشى كۈرەش قىلىشقا ئۈندىگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئىنتېرنېت تور ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىنتېرنېت تورى ۋە ئۈندىدار ئۇچۇر يۇمتالى قاتارلىق ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە قەتئىي كاپالەتلىك قىلىپ، دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ئىنتېرنېت تورىنى قوللىنىپ ئۆزىنىڭ سىياسىي مۇددىئاسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا قەتئىي يول قويماسلىقى، ‹ئىككى يۈزلىمىچىلەر گۇرۇھى›، ‹ئىككى يۈزلىمىچىلەر› گە قەتئىي قارشى تۇرۇشى كېرەك. توردا توغرا ئېنېرگىيە ۋە توغرا ئىدىيىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ئۇنىڭ ھەممە يەرنى قاپلاپ، خەلقنىڭ قەلبىنى ئىللىتىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنتېرنېت-ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىگە قاراتقان قامالنى قاتتىق چىڭىتقان بىر مەزگىلدە بۇ چاقىرىقنىڭ ئېلان قىلىنىشى دىققەت قوزغىدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بولسا بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى، ئىنتېرنېت-ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىشنى ئوچۇق-ئاشكارا تەشۋىق قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىگە قارىتىلىدىغان تەقىب ۋە باستۇرۇشنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت