ئىسمائىل ئەھمەد بېيجىڭدا «ئوچۇق خەت» ئېلان قىلىپ، كومپارتىيىنى مەدھىيىلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.07.11

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئورگانلاردا ئۆتكەن بىرنەچچە ئايدىن بۇيان ئۇيغۇر ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ «ئوچۇق خەت» ئېلان قىلىش شامىلى كۆتۈرۈلگەن ئىدى. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ خىل «ئوچۇق خەت دولقۇنى» ھازىر بېيجىڭ شەھىرىدە تۇرۇشلۇق سابىق ئۇيغۇر «رەھبىرىي كادىر»لارغا كەلگەنلىكى مەلۇم.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ئىسمائىل ئەھمەد بۈگۈن ئۇيغۇر ۋە خىتاي تىللىرىدا «ئوچۇق خەت» ئېلان قىلىپ «جۇڭخۇانى سۆيۈش، ‹ئۈچ خىل كۈچ› كە قارشى تۇرۇش ھەمدە ئىتتىپاق بولۇش» نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ خەتتە «ھاياتىمنى ‹ئۈچ خىل كۈچ› كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا ئاتاشنى خالايمەن» دەپ جاكارلىغان.

ئۇنىڭ «ئوچۇق خېتى» دىكى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىغان بولسا، شىنجاڭنىڭ ئازادلىقى ۋە بۈگۈنكى گۈللەنگەن تەرەققىياتى بولمىغان بولاتتى» دېگەن قۇرلارنى «سىياسىي يالغانچىلىق» دەپ ئەيىبلىگەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى «ئىسمائىل ئەھمەدنىڭ ئوچۇق خېتى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر كادىرلارنى ‹تىرىك مۇردا› بولۇشقا ئۈندەشتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.