ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر تور بەتلىرى رۇس تىلىنى ئاساس قىلىپ ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرماقتا

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.12.24

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۇيغۇر تارىخى-مەدەنىيىتىنى تەرغىب قىلىدىغان تور بەتلىرى جانلانماقتا.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى، تىلى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ياشلار ئارىسىدا كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلغان «دوپپا لايفې» تورى يېقىندا قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنىپ، ئۆزىنىڭ يېڭى نۇسخىسىنى تارقىتىشقا باشلىغان. ئاساسلىقى رۇس تىلىدا، قىسمەن ئۇيغۇر تىلىدا چىقىرىلىۋاتقان بۇ تور بەت سەھىپىسى رەڭلىك سۈرەتلەر بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىنى ئاساسى قىلغان تور بەتنىڭ يېڭى سەھىپىلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى گىلەمچىلىكى، ئۇيغۇر ئۇسۇلچىلىقىنىڭ شەكىللىنىش تارىخى، تارىخ سەھىپىسىدە بولسا مەخمۇت قەشقەرىي ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەمدە ئۇيغۇر قالغانلىقى قاتارلىق ئۇيغۇر دۆلەتلىرى تارىخى قاتارلىقلار تونۇشتۇرۇلغان. تور بەتتە يەنە مەخسۇس ياشلارنىڭ مەشرەپ ۋە سەنئەت پائالىيەتلىرى ئۈچۈنمۇ ئورۇن ئاجرىتىلغان.

ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر ياشلىرى تەرىپىدىن تارقىتىلىۋاتقان «ئۇيغۇر تودەي» تورى ئەڭ يېڭى ئۇيغۇر خەۋەرلىرىنى رۇس تىلىدا تارقىتىشقا تىرىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ تور بەتتە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت تارقاتقان خەۋەرلىرى ئاساسىدا تەييارلانغان خەۋەرلەر، مەسىلەن قوش تىللىق مائارىپ، مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە يىغىۋېلىنىشى ۋە باشقا تۈرلۈك مەزمۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ئورۇن ئالغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر سىياسىي، مەدەنىيەت تارىخى مەزكۇر تور بەتنىڭ ئاساسىي خىزمەتلىرى قاتارىغا كىرگەن بولۇپ، رۇس تىلىدا نەشر قىلىنغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، سىياسىي ۋە سەنئەت تارىخىغا ئائىت ماقالىلەرنىڭ كۆپىنچىسىگە داۋاملىق ئورۇن بېرىلمەكتە.

بۇلاردىن باشقا يەنە «ئىزلىرىمىز» تورىمۇ چىقىشقا باشلىغان بولۇپ، يېقىندا بۇ تور بەتنى كۈچەيتىش ھەققىدە تور بەت ساھىبى تەرىپىدىن چاقىرىق ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر تور بەتمۇ مەدەنىيەت ۋە تارىخ شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلاردىن چىققان مەشھۇر ئەربابلارنى تونۇشتۇرۇشنى ئاساس قىلغان.

ھازىر يەنە قازاقىستاندىكى، «ئىنايەت ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت مەركىزى»، «جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرى» ۋە باشقا ئورۇنلارمۇ ئۆز تور بەتلىرىدە رۇس تىلىنى ئاساس قىلماقتا. ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستاندىكى ھۆكۈمەت مەلۇماتى بويىچە 246 مىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىسى ئارىسىدا رۇس تىلىنى قوللىنىش يەنىلا ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇپ، يېقىندىن بۇيان قازاقچە ئۆگىنىش ۋە قوللىنىش تەرغىب قىلىنىشقا باشلانغان. ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاش ۋە ئىشلىتىشمۇ كەڭ تەشۋىق قىلىنماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.