ئۆزبېكىستان خىتايغا تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىشنى كۆپەيتىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-06-18
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

يېقىندا ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك نېفىت ۋە تەبىئىي گاز شىركىتىنىڭ باشلىقى ئەلىشىر سۇلتانوف تاشكەنت شەھىرىدىكى ئاخبارات كۇلۇبىدا قىلغان سۆزىدە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە خىتاينى تەمىنلەيدىغان تەبىئىي گاز مىقدارىنى ھەر يىلى 10 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتكۈزۈشنى، يەنە ئىمكان بولسا ئۆزبېكىستان تەبىئىي گازلىرىنى ياۋروپاغا چىقىرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆزبېكىستان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز شىركىتى باشلىقى ئەلىشىر سۇلتانوف ئۆزبېكىستاننىڭ خىتاينى كۆپلەپ تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلىشى ھەققىدە ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى شاۋكەت مىرزىيويېف 5-ئايدا بېيجىڭنى زىيارەت قىلغاندا خىتاي تەرەپ بىلەن كېلىشىم ئىمزالانغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۆزبېكىستان 2018-، 2019- ۋە 2020-يىلى ئۇدا ئۈچ يىل خىتايغا ھەر يىلى 10 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىش ھەققىدە كېلىشىمگە ئىمزا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەمما، ئىنكاسلارغا قارىغاندا، تاشكەنت دائىرىلىرى كۆپلەپ ئۆز گازلىرىنى خىتاي ۋە رۇسىيەگە چىقارغان بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ئۆز ئىچىدە گاز بىلەن تەمىنلىنىشتە يېتىشمەسلىك مەۋجۇت بولماقتا ئىكەن. ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا كۆپلەپ تەبىئىي گاز ۋە نېفىت ئېكسپورت قىلىشى رۇسىيەگە قارىتا خىرىس پەيدا قىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى بۇ خىل ئېنېرگىيە ساھەسىدە ئۈستۈنلۈك قازىنىشى رۇسىيەنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت