يەنە بىر نەپەر تىبەتلىك ياش ئۆزىگە ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋالغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-03-20
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 19-مارت كۈنى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ تىبەتلەر رايونىدا پېما گيالتسېن ئىسىملىك بىر تىبەت ياش ئۆزىگە ئوت قويۇپ ئۆلۈۋالغان.

دارامسالادىكى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا: «24 ياشلىق بۇ تىبەتلىكنىڭ دالاي لامانىڭ ۋەتىنىگە قايتىشى ۋە تىبەتنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن چاقىرىق قىلغانلىقى» بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ ھازىرغا قەدەر ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈۋالغان 146-تىبەتلىك شۇنداقلا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى ئۆزىگە ئوت قويغان تۇنجى تىبەتلىك ئىكەن.

تىبەتلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق خىتاينىڭ تىبەتلەرگە قاراتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش ھەرىكىتى 2009-يىلىدىن باشلانغان ئىكەن.

تىبەتلەرنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈش ئارقىلىق خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھازىرغا قەدەر بۇنىڭغا «پەرۋاسىز» قىياپەتتە تۇرماقتا.

ئىگىلىنىشىچە، مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم تىبەت پائالىيەتچىلىرى بۇنىڭدىن ئۈمىدسىزلىك ھېس قىلغان. تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لامامۇ كۆپ قېتىم بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، تىبەت خەلقىنى ئۈنۈمى بولمىغان بۇنداق ئورۇنسىز «قۇربانلىق» نى بەرمەسلىككە دەۋەت قىلغان.

تولۇق بەت