ھىندىستان تەرەپ پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا كۆز يۇمغانلىقىنى تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-09-12
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

ھىندىستان خەۋەرلەر تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىدا پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسى تەنقىد قىلىندى.

دۈشەنبە كۈنى ھىندىستان خەۋەرلەر تورىدا «مۇتەخەسسىسلەر، پاكىستاننىڭ مۇسۇلمانلارنى قوللاشتىكى ساختىپەزلىكىگە سوئال قويدى» سەرلەۋھىلىك بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان ئىدى.

ماقالىدە، پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكى بىردەك بېرما ھۆكۈمىتىنىڭ روھىڭگا مۇسۇلمانلىرىغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەۋاتقان بىر پەيتتە، پاكىستاننىڭ مۇسۇلمانلارنى قوللاش مەسىلىسىدە ساختىپەزلىك قىلىپ، ‹قوش ئۆلچەم› قوللىنىۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىندى.

ماقالىدا ئاسىم ساجاد ئاختار ئىسىملىك بىر ئاپتورنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلگەن: «پاكىستان ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن ئۆز تەۋەلىكىدىكى بالۇچىستانلىقلارغا قارىتا قوراللىق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنى باستۇرۇۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ‹ھىمالايادىنمۇ ئېگىز، دېڭىزدىنمۇ چوڭقۇر› دوستلۇق رىشتىسى بولغان خىتاينىڭ پاكىستانغا چېگراداش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمىنى كۆرمەسكە سېلىپ كەلدى.»

ماقالىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «روھىڭگالار ئاسىيا قىتئەسىدە دۆلەت تېررولۇقىغا ئۇچراۋاتقان بىردىن-بىر خەلق ئەمەس... ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شۇنداقلا خىتايدىكى مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغان خىتاي نوپۇسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماقتا.»

ماقالىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا ئۇچراۋاتقانلىقى، ئانا تىلىنى سۆزلەش، مىللىي ۋە دىنىي ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىدىغان كىيىم-كېچەكلىرىنى كىيىشىنىڭ چەكلىنىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئاخىرىدا، پاكىستان ھۆكۈمىتىنى جىددىي مەسىلىلەرگە قارىتا ‹قوش ئۆلچەم› نى ئەمەس، بەلكى ئادالەت ئۆلچىمىنى ئاساس قىلىشقا چاقىرغان.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت